-
كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !
2012-01-26
ئۇ چوقۇم ماركسىسىزمنى خاتا چۈشىنىۋالدى ياكى بولمىسا ماركس، ئېنگىلىس يازغان كىتابلارنى ئوقۇپ باقمىدى. چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنى سوتسىيالىستىك تۈزۈم دېسەك، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە چوڭ ھاقارەت قىلغان بولىمىز، چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، ئەينى ۋاقىتتا سەن دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزى شۇ دېسەك، بەلكىم ماركس بىلەن ئېنگىلىس قەبرىسىدە ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، ساقاللىرىنى يۇڭداپ «توۋا خۇدايىم، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ خاتا چۈشىنىۋالغان بارمۇ» دەپ نالە قىلىپ كېتىشى ئېنىق … ماركس تەسەۋۋۇر قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرى بىرلا خىل بولسۇن دېگەن ئەمەس ھەمدە داھىي ياشىسۇن دەپ ئىشتانغا چىقىپ كەتكۈچە ۋارقىراڭلار دېگەنمۇ ئەمەس، ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا قالسۇن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، ئەركىن پىكىر قىلماڭلار، نامايىشنى قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس. نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مۇستەبىتلىك سوتسىيالىزم ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس، بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزم دېگەن گەپنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە دېگەن گەپ. خاتا چۈشىنىۋالغانلارنى كىم فامىلىلىكلا بولامدىكىن دەپ ئويلىسام، يەنە كۇبادىكى كاستېرومۇ شۇنداق خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرىغا زادى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ. -
ئادەتتە بىز ئىچىۋاتقان، يىشىل چاي، شاپتۇل شەربىتى، قىزىل كالا، گازلىق سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى قانداق ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قوشىدۇ بىلەمسىز؟ شاپتۇل ئىچىملىكىنى مىسال ئالايلى، ئۇنى شاختا پىشقان مېۋىلەرنى يىغىپ ئەكىلىپ زاۋۇتتا شىرنىسىنى چىقىرىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق بىرنەرسە قوشسا قوشۇپ قوشمىسا شۇ پېتى قۇتىغا قاچىلاپ ئەپچىقىپ ساتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئۇنداق ئىش يوق. ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇنداق ئىش يوق. ئىچىدىن مېۋىنىڭ ئۆزى چىقمىسا ئۇنىڭغا مېۋە ئىشلەتكەن بولۇشى ناتايىن… ئەمەلىيەتتە شاپتۇل ئىچىملىكىنىڭ شاخ بىلەن مۇناسىۋېتى يوق. چۈنكى ئۇنى شاپتۇل بىلەن ئەمەس يېمەكلىك قوشۇمچە ماتېرىياللىرىدىن ئىشلەيدۇ.مەن ھازىر بىر يېمەك-ئىچمەك شېركىتىدە پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن شۇڭا ئىچىملىك ئىشلەش جەھەتتىكى بەزى ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمەن. بۈگۈن مەن كەڭ تورداشلارغا قولۇمدىكى بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، قىسمەن ئىچىملىكلەرنىڭ ماتېرىيال خۇرۇچلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەي. -
ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى
2012-01-26
ﻳﯧﺰا ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺧﯘددى ﻳﻮﻗﯘﻣﻠﯘق ﻛﯧﺴﻪﻟﺪەك ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﻳﯧﺰا ﺋﻮرﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻳﯧﺰا ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮى، ﺑﯚﻟﯜم، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪارە - ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﯘﻗﯘپ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚز ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﭼﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ زەﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﭗ، دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩلاردا دورا ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﻗﻮل ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻗﺮالارﻧﻰ ﺋﻪرزﯨﻤﻪس ﺋﯩﺸلار ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﻳﯟە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻧﻰ ﺋﺎﯕلاپ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﮬﻪم ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻏﺎ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ۋە ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺑﻪرﮔﻪن؟ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ۋە ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﻤﯘ؟ ﺋﯘلارﻧﻰ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚز ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ۋە ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘپ ۋەزﯨﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺴﺎ، رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﭙلا ﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﮬﯚﻛﯜرەپ ﮬﻪﻳﯟە ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜرﺳﻪ، ﺋﯘلار ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازى ﺧﯩﺮەﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﯘ؟ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ۋ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟ -
ئاختا ئات، ئاغۋات ۋە ئەقىدىسىز ئادەملەر
2012-01-26
ئاختا قىلىۋېتىلگەن ئات ۋە ئاغۋاتلار ھەققىدىكى يازمىلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇلار بىلەن ئەقىدىسىز ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر بىر ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ قىلدىم.
غايىسىز، ئېتىقادسىز، ئەقىدىسىز ئادەملەر قانداق بولىدۇ؟ قانداق گەپلەرنى، قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟ قاراپ باقساق، بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس.
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەردە ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاش روھى بولمايدۇ.
ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەردە ھەقىقىي دوستلۇق ۋە ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت بولمايدۇ.
ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر رەھىمسىز، ياۋۇز، رەزىل، نەپسانىيەتچى، ھاياسىز، نومۇسسىز، خىيانەتكار بولىدۇ.
ﺋﻪﻗﯩﺪە-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدسىز ئادەملەر ئۆزىگە ئادىمىيلىك ئۆلچەمدە تەلەپ قويالمايدۇ. -
دېھقاننىڭ جېنى قانچە پۇل؟
2012-01-26
دېھقان ياۋاش، دېھقان ساددا، دېھقان بوزەك. ساختىپەز سودىگەرنىڭمۇ، قىزىلكۆز دورىگەرنىڭمۇ، قارنى يامان ئەمەلدارنىڭمۇ، ئىش قىلىپ ئالا نىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دېھقاننى دۈم قويغۇسى كېلىدۇ. قانۇنسىز ئالۋاڭمۇ دېھقاننى تېپىپ كېلىدۇ. تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاق دېگەندەك، دېھقان يارىتىۋاتقان نېمەتلەر بىلەن شاھلاردەك ياشاۋاتقان شەھەرلىكلەر دېھقاننى كەمسىتىشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ، خورلىشىدۇ. يەنە دېسەك گەپ تولا.ئەمەلىيەتتە قانداق بولسا بولسۇن، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، سەۋىيىسى، ئېتىقادى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى قاتارلىقلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇن ئالدىدا باب-باراۋەر ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. دېھقاننىڭ كۆڭلى مانا شۇنىڭدىن قانائەت تېپىپ كەلگەن، ئۆزىنى دۆلەتنىڭ خوجايىنى ساناپ كەلگەن، كەمسىتىش، خورلۇق ھېس قىلمىغان. لېكىن، مانا ئەمدى ئىش باشقىچە بولۇشقا باشلىدى: دېھقاننى كەمسىتىش، دېھقاننى خورلاش، دېھقانغا باراۋەرسىز مۇئامىلە قىلىش قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولدى. دېھقان قانۇن ئالدىدا باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر بولالمىدى، دېھقان پەرزەنتلىرىگە بۆشۈكىدىلا دېھقانلىق تامغىسى بېسىۋېتىلگەندەك بولدى. -
شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز
2012-01-26
شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى مەكتەپتىن كېلىپ يەنە كۇرۇسقا بارمىسا، ئىمتىھاننىڭ بوسۇغىسىدىن ئىچىكىرىگە ئۆتەلماي، « تاشقىرى» دا قالىدىكەن. بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ مەكتەپتىن كېلىپ توخۇغا دان بېرىپ، قوي – كالىلارغا ھەلەپ ئېتىپ، ئېغىلنى قۇرۇغداپ، ھەممىنى جايىغا سولاپ بولالمىسا، يوتقانغا كىرەلمەي، تاشقىرىدا قالىدۇ دەيمەن!
شەھەرلىكلەرنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ تۇرسا، بىزنىڭ خان ۋە غوجۇلىرىمىزنىڭ ئىشتان، چاپان بېسىمى بەسلىشىپ ئۆرلەپ تۇرىدۇ دەيمەن!
شەھەرلىكلەر رېستۇراندا ھاراق ئىچسە، ئولتۇرغاندا ھاراق بەك تۇتمىغان بىلەن، ھېسابلىشىشقا بارغاندا قاتتىق تۇتۇپ كېتەرمىش. بىزنىڭ سەھرادا ھاراق ئىچسەك، ھاراق تۇتمىسا ھېچگەپ يوق، لېكىن كوچىدا ھاراق تۇتىۋالغانلارنى ساقچىلار قوشلاپ تۇتىدۇ دەيمەن! -
ساختىپەز
2012-01-26
ئاتىسى شاۋازخاندىن خاندانلىقنى ئۆتكۈزۋېلىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان مېھمانشاھ خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاشلا نەغمە-ناۋاغا خۇشتار ئىكەن، بولۇپمۇ نەيگە ئامراق ئىكەن. نەينى يالغۇز چالدۇرۇپ ئاڭلىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدۇ، ئاتامغا ئوخشاش بىرەر نەغمىچىگە تەڭكەش قىلدۇرۇپ چالدۇرسا، نەغمە-ناۋانىڭ غەۋغاسىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ دەيدىكەن.
- خانىدانىمىزدىكى نەي چالىدىغان سازەندىلەر ھەر كۈنى ئوردىدا نەي بىلەن نەغمە قىلىپ بەرسۇن، - دەپتۇ مېھمانشاھ تەخىتكە چىققان كۈنى ئەمىر چۈشۈرۈپ، - لېكىن ھەممىسى تەڭكەش قىلىپ چالماي، بىردىن-بىردىن نۆۋەت بىلەن يالغۇز چالسۇن. -
ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى
2012-01-26
يولۋاس ئۆزىنىڭ كۈچىكىنى يېمەيدۇ،بۇ ھەممىگە ئايان.لېكىن بەزى ئادەم ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتىگە زەھەرلىك قولىنى ئوزارتىدۇ،ئوغول پەرزەنت كۆرۈش مەخسىدىگە يېتىش ئۈچۈن،يېڭى تۈرەلگەن قىز بالىسىنى تىرىك كۆمۈۋېتىدۇ ياكى تاشلىۋېتىدۇ.چىشى پېنگىۋىن تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن،تۇخۇمنى بېسىپ يېتىپ بالا چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئەركەك پېنگىۋىن جان-دىلى بىلەن ئادا قىلىدۇ.ۋەھالەنكى،نۇرغۇن ئەركەك ئادەملەر پەرزەنتىنى پەقەت پەرزەنت كۆردۇم دەپ تەمەننا قىلىش ئۈچۈنلا ياخشى كۆرىدۇ،پەرزەنتىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى خوتۇنىغا ئوخشاش ئۈستىگە ئالمايدۇ. -
دېھقانلارنىڭ شەھەرلىكلەرگە بولغان ئاچچىقى
2012-01-26
بىز ئەمدى گۆش يىيىشكە باشلىساق، سىلەر كۆكتات يىيىشكە قايتىدىن يۈزلەندىڭلار.
بىز ئەمدى توي قىلالىساق، سىلەر تەنھالىق شۇئارىنى توۋلاشقا باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى قەنىت چىشلىسەك، سىلەر قەنىت سىيىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى ئارام ئىلىپ تەرلىرىمىزنى سۈرتسەك، سىلەر چىنىقىش ئۆيى ۋە ھورداقخانىغا بىرىپ تەرلىنىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى تېلېفۇن ئورناتساق، سىلەر توردا سۆزلىشىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى كىنوخانلاردا ئۇچىرشىشنى ئۈگەنسەك، سىلەر توردا مۇھەببەتلىشىشكە باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى قورسىقىمىز توق كىيمىمىز پۈتۈن بولسا، سىلەر ئەكىسچە ئورۇقلاشقا، كىندىكىڭلارنى ئىچىپ قويۇشقا باشلىدىڭلار.
بىز ئەمدى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا باشلىساق، سىلەر چەتئەللەردە ئوقۇشقا باشلىدىڭلار. -
بىلىش كېرەككى، «موقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەننىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغىنى چوقۇم ئادەم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگەن ئىدىيەدۇر. تۈزۈم بولمىغان ئەھۋالدا، مەلۇم جاينىڭ موقىم بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، نۆۋەتتە ئاساسلىنىدىغان قانۇن يوق بولماقتا، ئەكسىچە، شۇ جايدىكى پارتكوم-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ سوبىكتىپ ئېڭىغا باغلىق بولماقتا. نەتىجىدە، بەزى جايلار بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەرزىيەتچى ئاممىنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىپ، ئاۋامنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرى بىلەن ئىجتىمائىي موقىملىقنى قارىمۇ-قارشى قىلىپ قويۇپ، زىددىيەتنى يوشۇرۇپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى مەجبۇرىي بېسىش ئارقىلىق، ۋاقتلىق موقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. -
بۇ جاھاندا ئەسلى «چاتاقچى پۇقرا» يوق ئىكەن، «چاتاقچى ئەمەلدار»لار كۆپۈيۈپ كەتكەنلىكتىن، ئاتالمىش «چاتاقچى پۇقرا» پەيدا بولغان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنى پۇل ئىئانە قىلىشقا قىستىغان بۇ ۋەقە «چاتاقچى پۇقرا»نى «چاتاقچى ئەمەلدار» يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى كەم-كۈتىسىز ئىسپاتلايدۇ.
چاتاقچى ئەمەلدارلا پۇقرانى چاتاقچى دەيدۇ، ئېيتسا تىل كۆيۈدىغان قانچىلىك چېرىكلىك ئۇنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقاندۇ؟ مەكتەپ قۇرۇلۇشى راسخۇتىدىن قانچىلىكى قىسىپ قېلىنىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ «پاراۋانلىقى» بولۇپ كەتكەندۇ، بۇنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. -
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھوقۇقدارلار دەرىجە ئاتلاپ ئەرز-شىكايەت قىلغانلارغا تولىمۇ «ئامراق» بولۇپ قېلىشتى. دەرىجە ئاتلاپ ئەرز ئېيتىش خۇددى گۇناھى كەبىردەك، پاراكەندىچىلىك ئامىلىدەك، دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلغانلارنى مۇتتەھەملەر دەپ قاراپ، قاتتىق زەربە بېرىش ئوبېكتى قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرزىيەتچىلەر ئۆلگۈدەك دۇمبا يەيدىغان، ھەپسىگە ئېلىنىدىغان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىدىغان، ھەتتا روھىي كېسەللەر ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ قويۇلىدىغان ھېكايىلەر تولا تەكرارلىنىپ، كۆپ جايلاردا كۆزگە سىڭىپ قالغان ئىش بولۇپ قالدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەرزىيەتچىلەرنى دۇمبالاشقا ئاستىرىتىن كۆرسەتمە بەرگەن ھوقۇقدارلارغا ھېچ ئىش بولمىدى. خۇبېي ئۆلكىسىدە نازىرنىڭ رەپىقىسى خاتا تونۇپ قېلىنىپ، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىدىن بىھۇدە تاياق يەپ كەتكەندە، دېلوغا چېتىلىدىغان قايسى ئەمەلدارغا چارە كۆرۈلۈپتۇ؟ نازىرنىڭ رەپىقىسى موشۇنداق «ئىززەت-ئىكرام»غا نائىل بولغان يەردە، ئاۋام-پۇقرانىڭ گېپىنى دېمەيلى قويايلى. -
ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى
2012-01-26
بىز ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز. شۇڭا بىزدە كەمچىلىك بولىدىكەن، ھەتتا ئۆي چېقىشتا ئادەم ئۆلىدىغان ئىش چىققان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنىڭ تەنقىت قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئۇنىمايمىز. قانداق كىشى ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، كىم كۆرسىتىپ بېرىمەن دېسىمۇ بولمايدۇ. سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا بولسىمۇ، بىز تۈزەتمەيمىز. سەن ئېيتقان چارە خەلققە پايدىلىق بولسىمۇ، بىز سېنىڭ ئېيتقىنىڭچە ئىش قىلمايمىز.
بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنىڭ گەپ-سۆزىدىن قورقمىساقلا، بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز چوقۇم گۈللەپ - ياشنايدۇ. يەر-زىمىندىن كېلىدىغان كىرىمگە كاپالەتلىك قىلالىساقلا، بىر قىسىم بۇزۇقلارنى ئالدىن بېيىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. -
ئەپچىل چارە
2012-01-26
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا دېھقان سۈپەت بىر بوۋاي ئىشخانىغا كىردى.
−− ياخشىمۇسىز، مۇدىر بارمىدۇ؟ −− سورىدى بوۋاي.
−− نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟ −− ياندۇرۇپ سورىدى نيۇ مۇئاۋىن مۇدىر قولىدىكى گېزىتنى قويۇپ.
−− سىز مۇدىرمۇ؟ −− دېدى بوۋاي قورۇنۇپقىنە.
مۇدىر ئۆگىنىشكە كەتكەن بولۇپ، 10 - 15 كۈندە قايتىپ كېلەتتى. ئىشخانىنىڭ ئىشلىرىغا ۋاقتىنچە نيۇ مۇئاۋىن مۇدىر مەسئۇل ئىدى.
−− فامىلەم نيۇ، −− دېدى ئۇ بوۋاينى مەنسىتمىگەندەك قىياپەتتە.
−− نيۇ مۇدىر، مۇنداق ئىش ئىدى، ئىدارە باشلىقىڭلارنىڭ پىكاپى پاقلىنىمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى، −− دېدى بوۋاي. -
ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىش
2012-01-26
ئىدارە باشلىقىمىز مۇئامىلىسى قىزغىن كىشى بولۇپ ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشقا ئامراق ئىدى . ئىدارە باشلىقىمۇ بۇنى ئاۋارىچىلىق ، دەپ قارىماي ،كىشىلەرگە ئاۋۋالقىدەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى…
بەزىدە ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يېقىندىن ياردەم قىلىدىغان ئىشلار بارمۇ ؟ دەپ سورايدىغان بولۇپ قالدى . ئاشۇنداق ئۇنى ئىزدەيدىغان ھەم ئارىسالدى بولغانلار ھازىر زادى قانچە رەھبەر ئىدارە رەھبىرىمىزدەك بىزگە غەمخورلۇق قىلالايدۇ ؟ دەپ تەسىرلىنەتتى . ئىدارە رەھبىرىمىز ناھايىتى ئالدىراش يۈرگەچكە ، ھەر كۈنى بىر تالاي ئىشلارنى قىلاتتى. -
قانۇنغا، ئاۋامنىڭ توردا ئەركىن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا سەل قاراپ، باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ماھارىتى جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، «يازما ئۆچۈرۈش ياخشى چارە ئەمەس» دېيىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خالىغانچە يازما ئۆچۈرىشىگە قانۇنىي ھوقۇق نوقتىسىدىن شۈبھىلەنمەستىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ موقىملىقنى قوغداش ماھارىتىدىن تەھلىل قىلىپ، «يازما ئۆچۈرۈش بىردىن-بىر چارە ئەمەس، ئەڭ ياخشى
چارىمۇ ئەمەس» دېيىش، قىممەت جەھەتتىكى بۇ خىل مادارىچىلىق ۋە چېكىنىش،ماھىيەتتە قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھەم ئاۋامنىڭ ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقتۇر. ئاممىۋىي باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسىنىڭ جامائەت پىكرىگە تاقابىل تۇرۇش ھۈنىرى كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى نەيرەڭ بولۇپ قالسا بولمايدۇ. -
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن خەۋەر
2012-01-26
يولداشلار، بۇ قېتىمقى خەۋەر ئىشلەش خىزمىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، تەسىرى ياخشى، ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولدى، لېكىن، يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس، بىرى، دورا ۋە چاي تەييارلانمىغانلىقتىن، ئادەم قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئورۇنباسار ھاكىم زۇكامداپ قالدى، يەنە بىرى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالا قىرغاققا ئېلىپ چىقىلغاندا بېشىنى بەك بالدۇر كۆتۈرىۋالدى، يەنە تېخى كۈلۈپ سالدى. نېمىلا دېگەن بىلەن نەتىجىلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. بۇندىن كېيىن، ئاخبارات خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ چىن، تېخىمۇ قالتىس، چانمىغىدەك ئىشلەيلى. ناھىيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! -دېدى. -
«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مائارىپ تۈزۈلمىسى ئالىي مەكتەپلەرگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ، ئوقۇش بېسىمىنى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر باشلانغۇچ مەكتەپكە، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يەسلىگە، يەسىلىلەر ھەتتا ھامىلە تەربىيىسىگە دۆڭگەپ قويىۋاتىدۇ. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك.» 2011-يىلى 15-دېكابىر، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋاڭ زېچۇ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەشھۇرلار مۇنبىرى»دە يۇقارقى سۆزنى قىلغان. -
توردىكى «كۆپ»لەر
2012-01-26
تور بەتلەرنى ئاچساملا، ئېلان كۆپ؛
ئېلانلارنىڭ ئارىسىدا قاتىللىق، باسقۇنچىلىق،پەسكەشلىكلەرگە دائىر خەۋەر كۆپ؛
يازمىلاردا ئىملا خاتالىقى كۆپ؛
بىمەنە خەۋەر-رەسىملەرنىڭ چېكىلىش سانى كۆپ؛
مۇنبەرلەردە ئۇرۇش-جىدەل كۆپ؛
«قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن» ۋە چاۋاك كۆپ؛
ئويۇن-تاماشا كۆرۈدىغانلار كۆپ؛
ئەتراپىدىكى ئىشلار بىلەن كارى يوق، سادام، قازافىلارھەققىدىكى پاراڭ كۆپ؛
مىللەتشۇناسلاردىن ئىللەتشۇناسلار كۆپ؛ -
پۇلدار، زىيالىي، قەشقەر...
2012-01-26
توۋا دەڭلار ، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئازات بولماسلىقى، دېگەن نېمە گەپ ئۇ. قەشقەر دېگەن يېڭى شېنجېن، قەشقەرلىكنىڭ ئىدىيىسى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئازات، قەشقەرلىكلەر پارتىيىگە ئەڭ سادىق، ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى نەدە؟ قەشقەردە. شۇڭىمىكىن، ماۋجۇشىنىڭ دەۋرىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايمىز، سېغىنىپمۇ قالىمىز تېخى.
«يىڭىساردا دېھقان بولماق تەس» دېدىڭىزما؟ يائاللا، قورقماي موشۇ گەپنى تىلغا ئالدىڭىزما؟ سىڭگەن ناننى يېيىش كېرەك. رەھبەرلىرىمىز نىمىشقا «خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىت ۋە نازارەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلەيدىغاندۇ؟ سىڭگەن نېنىنى يېمەي، ئۇنداق-مۇنداق دەپ يۈرگەنلەرنى تۇرمىغىلا سولىۋەتسە، زۇۋانى ئېتىلەمدىكىن دەيمەن. -
مەشھۇرلارنى سېسىتايلى
2012-01-26
مەشھۇرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ غاجاپ، قۇرۇق ئىسكىلىت قىلىپ، ئاندىن دەپنە قىلايلى. ئۇلارنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرىنىمۇ كەچۈرىۋەتمەيلى. بىكار تەلەپ ھارەمزادىلەر، گەپنىڭ چىرايلىقىنى، ئىشنىڭ ئەسكىسىنى قىلىدىغان خۇمسىلار، كېچىسى ئورا كولاپ،كۈندۈزى ئەلخۇمار بولۇۋالىدىغان مۇناپىقلار، بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، يۈز ئىشنى يامان قىلىدىغان نائەھلىلەر قىلغۇلۇقنى قىلىۋەرسۇن، كەمچىلىكىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان مەشھۇرلارنى يەتتە ياشتىن يەتمىش تاشقۇچە ھەممىمىز قارغايلى.
تىرىك چېغىدا سېسىتىپ،ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ، ئۇلارنى يادلاپ يىغلايلى. لەنەت تاشلىرىمىزنى شەيتانلارغا ئەمەس، مەشھۇرلارغا ياغدۇرايلى. -
مۇدىرنى ئېتىۋەتكەن مۇئەللىمگە نەسىھەت
2012-01-26
«مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرىنى ئېتىۋېتىپتۇ» دېدىڭىزمۇ؟ قانداق ئېتىپتۇ؟ مىلتىق بىلەن. توۋا، نىمىشقا ئەمدى؟...
ھەي، مۇئەللىم، سىزنىڭ مۇدىر بىلەن ھەرقانچە ئاغرىق-ئاداۋىتىڭىز بولسىمۇ، مەكتەپكە نارازىلىقىڭىز بولسىمۇ، بۇنچە قىلىش كەتمەس.
مەكتەپ سىزنىڭلا مەكتىپىڭىزمىدى، نىشانلىق ئوقۇتۇش دەمدۇ، ساپا مائارىپى دەمدۇ، ئېمتىھان مائارىپى دەمدۇ، نېمە دېسە مەيلى ئەمەسمۇ. دەرسلىك كىتابلار كۆپىيىپ كەتسە، ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمىسا، نېمە كارىڭىز. مۇئەللىمدىن باشلىق كۆپەيسە، 8-10 نەپەر مۇدىر، بۆلۈم، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلەرنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ، ئىشلار سۇدەك راۋان يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. -
(خەلق تورى جامائەت پىكرى كۈزىتىش ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، مەزكۇر ماقالە 2012-يىلى 12-يانۋاردىكى بلوگ ماقالىسى تەۋسىيە رېتىدە 5-ئورۇندا تۇرغان. ئازراق قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)
جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا غالچىلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىكەن، ھازىرمۇ تۈگەپ كەتكىنى يوق. كونا جەمئىيەتتە، يوقسۇل-نامراتلار ئاچ-يالىڭاچ قالىدىكەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقىلى بولمىغاندىكىن، قۇل-غالچا بولۇپ سېتىلىدىكەن. ئادەم نەرسە قاتارىدا سېتىلسا، جىسماني ھەق-ھوقۇقى تۈگىدى، دېگەن گەپ. ئىگىدارلىق جەھەتتە، غالچا-قۇل بىلەن ئات-ئېشەكنىڭ پەرقى بولمايدىكەن. باشقا-باشقا خوجايىنغا غالچا بولغاندا، ئورنى ۋە تەمىناتىدا پەرق بولسىمۇ، قەدىر-قىممىتىدە پەرق بولمايدىكەن، خوجايىنغا لازىم بولغاندا ئىشلىتىدىكەن، لازىم بولمىسا تاشلىۋېتىدىكەن. خوجايىن ئالدىدا غالچىنىڭ جېنى چۆمۈلىنىڭ جېنى بولۇپ قالغان ئىكەن. -
ئەرزخورنى ئەدەپلەش تەدبىرلىرى(فېليەتون)
2012-01-26
بىرىنچى تەدبىر، تەشۋىقات جېڭىگە كۈچەڭلار، لوزۇنكا-پلاكاتلارنى ھەممە يەرگە ئېسىڭلار، لوزۇنكىغا «ئەرزخورلۇق قانۇنسىزلىق، ھاكىم بىلەن قارشىلاشقانلىق، كىمكى قانۇن بىلەن ئويناشسا، دىكتاتۇرانىڭ تەمىنى تېتىيدۇ» دەپ يېزىڭلار.
ئىككىنچى تەدبىر، ئىزىغا چۈشۈپ نازارەت قىلىڭلار، نەگە بارسا، ئايرىلىپ قالماي، بىرگە بېرىڭلار.
-ئۈچىنچى تەدبىر، ئەرزخورلارنى سېسىتىڭلار، تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ھورۇن، چاتاقچى، تەييارتاپ دەپ چاۋىسىنى چىتقا يېيىڭلار.
تۆتىنچى تەدبىر، ئەرز قىلماسلىق كاپالەت پۇلى ئېلىش يولى بىلەن ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈڭلار.
بەشىنچى تەدبىر، يولدا توسۇپ، ناھىيە، ھېچ بولمىغاندا ۋىلايەت چېگرىسىدىن چىقارماڭلار.
ئالتىنچى تەدبىر، ئۈرۈمچى، بېيجىڭدىكى مەلۇم شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزۈپ، ئەرزخور پويىزدىن چۈشكەندە مەخسۇس ئادەم ئالدىغا چىقسۇن.
يەتتىنچى تەدبىر، روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىڭلار.
سەككىزىنچى تەدبىر، قەلەمنىمۇ، ئەلەمنىمۇ ئىشقا سېلىڭلار، گەپ يېمىگەنلەر ئانچە-مۇنچە دۇمبا يېسىمۇ بولىدۇ.
-توققۇزىنچى تەدبىر، تاياق يەپمۇ ئەرزنى توختاتمىسا، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلاڭلار.
-ئونىنچى تەدبىر، رادىيو-تېلېۋىزوردا ياكى بازارلاردا سازايى قىلىڭلار. -
ئەمەل ئۆسكەنسېرى
2012-01-26
ئەمەل ئۆسكەنسېرى، ھاراق كۆتۈرۈشچانلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئەمەل ئۆسكەنسېرى، يۈرىكى تېخىمۇ يوغىنايدۇ(قورقماس بولىدۇ).
ئەمەل ئۆسكەنسېرى، ئاچچىقى تېخىمۇ يامان بولىدۇ.
ئەمەل ئۆسكەنسېرى، قەددى تېخىمۇ تىكلىشىدۇ.
ئەمەل ئۆسكەنسېرى، سالاپىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئەمەل ئۆسكەنسېرى، تەمىناتى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
ئەمەل ئۆسكەنسېرى، ھوقۇقى تېخىمۇ يوغىنايدۇ. -
جۇڭگوچە يۇمۇرلار
2012-01-26
مەلۇم ئۆلكە باشلىقى پاراخورلۇقى تۈپەيلى تۈرمىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئوغلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تاپالماي تۈرمىدىكى دادىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ دەرت تۆكۈپتىكەن، دادىسى بىر باغاقچە يېزىپ، ئوغلىنى بۇرۇنقى قول ئاستىدىكىلەرنى ئىزدەشنى ئېيتىپتۇ. ئوغلى:
- سەن بولمىساڭ يازغان بىلەن پايدىسى بارمۇ؟ - دىگەنىكەن. دادىسى دەپتۇ:
- ھوقوقۇم بار چاغدا كىمنى باشلىق قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلاتتىم، ھازىر مەن تۈرمىدە، كىمنى تۈرمىگە كىرگۈزگۈم كەلسە شۇنى كىرگۈزەلەيمەن، خاتىرجەم بول ئوغلۇم، باغاقچەمنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۈنۈمى بار. -
ھاكىم، بۇرۇت ۋە پەتە
2012-01-26
ھەي، ئاچا توختاڭ، نەگە بارىسىز، بۇ يەردە تىزىملىتىڭ،- چاقىردى ئامانلىق ساقلىغۇچى.
- ھاكىم بىلەن كۆرۈشىمەن، خەلق سايلىغان ھاكىم بىلەن،- كېتىۋەردى ئايال
-توختاڭ-توختاڭ، كۆرۈشىمەن دەپلا كۆرۈشىدىغان چوڭ دادىڭىز ئەمەس ھاكىم دېگەن، رۇخسەت قىلسا كۆرۈشىسىز،- ئالدىنى توستى ئامانلىق ساقلىغۇچى.
ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئادەملەر توپلاشتى.
-ئەرزىيەت ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار،- بۇيرۇق قىلدى ئىشخانا مۇدىرى.
-ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بىرەر يۈز قېتىم باردىم، نېمىنى ھەل قىلدى، ئۆيۈمنى چېقىۋېتىپ، تالادا قالسام، ھاكىم ئىگە بولمامدىكەن، كونا زاماندىكى ھاكىم-ئامباللارمۇ دەۋاگەر ناغرا چالغان ھامان تەق بولۇپ دەۋا سورايدىكەن، ئەجىبا بۇ ھاكىم بىلەن كۆرۈشمەك شۇنچە تەسمۇ، ئۇ موشۇ ھويلىغا ياكى بىر پىكاپقىلا ھاكىممۇ، ئېسىت، ئېسىت شۇنداق ھاكىملىقىغا، دەپ قويۇڭلار، ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىمەن ئۇنداق ھاكىمنى،- ئايال سۆزلەيتتى، يۇلقىناتتى. -
ھۆرمەتلىنىشنى خالامسىز؟
2010-12-31
بىزدە «ھۆرمەت قىلساڭ، ئىززەت تاپىسەن» دەيدىغان گەپ بار. دېمەك، سىز باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزنى ئىززەت قىلىدۇ. سىز كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ھۆرمەتلىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزنى ئەتىۋارلايدۇ، قەدىرلەيدۇ. ‹‹قول قولنى يۇيسا، قول يۈزنى يۇيىدۇ›› دېيىشنىڭ مەنىسىمۇ شۇ.
ھەر كىم ئادىمىيلىك پەزىلىتى بىلەنلا ھۆرمەتلىنىدۇ ھەم ئىززەتلىنىدۇ. ئادىمىيلىك ئادەمنىڭ پەزىلىتىدە. ئەخلاقلىق ئادەم مەيلى ئىش - ھەرىكەت، گەپ- سۆز، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، تۇرمۇش، كەسپىي ئىشلاردىكى ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىقلا باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەلەيدۇ ھەم باشقىلارنى يېتەكلىيەلەيدۇ، جەمئىيەتتە ئىناۋەت تىكلىيەلەيدۇ.
ئىجتىمائىيەتتە شۇنداقلارمۇ باركى، ئۇلار باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىنى، ئىززەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ - يۇ، ئەمما ئۆزى باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. باشقىلار ھۆرمەت قىلسا، تېخىمۇ غادىيىۋېلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ياش تۇرۇپ چوڭلاردىن تۆر تالىشىدۇ، ھوقۇقىنى پەش قىلىدۇ. ئەمەل - مەنسەپ تۇتقانلارغا بىر خىل، ئادەتتىكى كىشىلەرگە يەنە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ. مانا بۇنداقلار ئاسانلا باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. -
ھازىرقى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ھالىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق ، ئۇلارنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى بىنۇرمال قىلقلىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ،ئىچىمىزدە ئۆكۈنمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.نىمىلا دېمەيلى ، كىلەچىكى ئادەمىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كۆپىچە ھاللاردا ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربيسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى تەلىم - تەربىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ئائىلە سالىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى ۋە خاراكتىر پىسخىكىسى ئائىلىدە شەكىللىندۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ پۇتكۈل ھاياتىغا ئاساس سالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ،مەكتەپ تەربىيسى بولسا ئۇنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى. -
ئەگەردە ئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايەتلەر مۇشۇ ھالەتتە يامىراپ كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇلار بىزنى نىمە دەپ قاغار؟ بىزدىن قانداق نەپرەتلىنەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تۇنۇش ۋە تۈزەش، ئاندىن ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش بىلەن پەرزەنلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلىدە بار بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپلەردىن بازارغا ماس كەلگەندىن تارتىپ دەۋر تەرەقىياتىدا يوقۇلۇش، ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھۈنەر كەسىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسىنى باللىرىمىزغا تۇلۇق ئۆگىتىپ بولۇپ، ئاندىن باشقا ھۈنەر كەسىپ ئۈگىنىشكە بېرىش؛ پۇرسىتى كەلگەندە بۇ ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسدى ئۈنۈم يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تاپالايدىغان، تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك ھەم ئۆز ئورنىغا خەجلىيەلەيدىغان؛ مەبلەغ سالالايدىغان؛ پۇلغا باغلىنىپ قالىدىغان، پۇلغا خىزمەت قىلىدىغان بولماستىن، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇندىن ئىبارەت قۇدرەتلىك قورالدىن پايدىلنالايدىغان؛ زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بىر ئەۋلات كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقساق،




