• توردىكى «كۆپ»لەر

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/189119795.html

    توردىكى «كۆپ»لەر



    تور بەتلەرنى ئاچساملا، ئېلان كۆپ؛

    ئېلانلارنىڭ ئارىسىدا قاتىللىق، باسقۇنچىلىق،پەسكەشلىكلەرگە دائىر خەۋەر كۆپ؛

    يازمىلاردا ئىملا خاتالىقى كۆپ؛

    بىمەنە خەۋەر-رەسىملەرنىڭ چېكىلىش سانى كۆپ؛

    مۇنبەرلەردە ئۇرۇش-جىدەل كۆپ؛

    «قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن» ۋە چاۋاك كۆپ؛

    ئويۇن-تاماشا كۆرۈدىغانلار كۆپ؛

    ئەتراپىدىكى ئىشلار بىلەن كارى يوق، سادام، قازافىلارھەققىدىكى پاراڭ كۆپ؛

    مىللەتشۇناسلاردىن ئىللەتشۇناسلار كۆپ؛

    ئۇ تور بەتتىن بۇ توربەتكە كۆچۈرۈلۈپ چاپلىنىدىغان يازماكۆپ؛

    ناخشا-مۇزىكا، كىنو، ئۇلىنىش تورلىرى كۆپ؛

    تور نامى ئالىدىغانلاردىن ساتىدىغانلار كۆپ؛

    كوت-كوتتا ھېرىسمەنلەر كۆپ؛

    ۋروسخوردىن ۋروس كۆپ؛

    قول سېلىپ ئىشلەيدىغانلاردىن، گەپ ساتىدىغانلار كۆپ.

    分享到:

    评论