• ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى

    2012-01-26

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/189124158.html

    ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى

    ئاپتور:مۇھەممەت مۇسا

    _ ﻗﻮل ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯜﺳﺘﻪل دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ. ﺑﻮﻟﺪى ﺑﻪس، ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﻰ ﻣﯘﺷﺘلاۋەرﻣﻪڭ، ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺳﻮت ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘن.


    ***********************


    ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰا ﺋﻮرﮔﯩﻨﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻏﯩﻨﻪم ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺧﯘﻣﺎر ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ، داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺒﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﯚزﻟﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﺮاق ﺋﯩﻜﻪن. ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻳﯧﺮى ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯚزﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺳﯚزﻟﻪﺷﻨﻰ ﺋﺎدەت ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺋﯜﺳﺘﻪل ﭘﻪﻧﻪرﻛﻪ ﺗﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن «ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ» ﺋﯜﺳﺘﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻣﯘﺷﺘلاۋﯦﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺑﻪرداﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪي، ﺗﯩﻠﯩﻢ - ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﻮڭ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪا ﺳﯚزﻟﻪۋﯦﺘﯩﭗ ﺑﻪك ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚرە ﺗﯘرۇپ، ﺳﯚزﻟﻪپ - ﺳﯚزﻟﻪپ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯜم - ﮔﯜم ﺋﺎۋاز ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﺘلاﭘﺘﯘ. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪن ﮬﺎدﯨﺴﻪ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﻣﯩﻜﺮوﻓﻮن ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﺋﯘرۇﻟﻐﺎن ﻣﯘﺷﺘﻨﯩﯔ ﺗﻮرﯨﺪا ﻗﺎﯕﻘﯩﭗ ﻳﻪرﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﺳﯘﻧﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﻗﺎﻗﺎﻗلاپ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﻗﯘلاق - ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪپ ﺑﯩﺰار ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن ﻣﯩﻜﺮوﻓﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺧﯘش ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪاق، ﮔﯜﻟﺪۈراس ﭼﺎۋاك ﭼﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜپ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﻛﯜﻟﯜپ ﭼﺎۋاك ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻐﺎﯕلاپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. زاﻟﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜﭘﺘﯘ.
    ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎر ﺋﺎۋازى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎﻛﯩﺮاپ:
    _ ﺑﻮﻟﺪى ﻗﯩﻠﯩﯖلار، ﻛﯜﻟﯜﺷﻤﻪﯕلار، دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﯖلار ! ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﻰ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرﯨﻤﯩﺰ ! دەپ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﮔﯜم - ﮔﯜم ﻣﯘﺷﺘلاﭘﺘﯘ.
    ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ:
    _ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺳﯘﻧﯘپ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ۋاي ﺋﯩﺴﯩﺖ، ﻳﯜزﻟﯩﺮى ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﮔﯜرەن ﺗﻮﻣﯘرﻟﯩﺮى ﻛﯚﭘﯜپ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎن ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﻪرﻣﯘ؟ _ دﯦﻴﯩﺸﯩﭙﺘﯘ.
    ﺑﯘ ﻳﯧﺰا ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ داﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭼﻮڭ ﻳﯩﻐﯩﻨلار ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨلاردا ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺗﯘرۇپ ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﮬﻪﺗﺘﺎ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺧﻮﺗﯘن - ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮپ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﭽﺎن دادﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﮬﯧﻴﺖ ﭘﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮﻗلاپ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ، داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺳﯚزﻟﻪۋﯦﺘﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺟﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎي، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﺷﺘلاپ ﻧﺎزۇﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻮرﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﭘﺘﯘ. دادﯨﺴﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎدﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘرﻣﺎي ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎرازى ﺑﻮﭘﺘﯘ.
    ﻳﯧﺰا ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺧﯘددى ﻳﻮﻗﯘﻣﻠﯘق ﻛﯧﺴﻪﻟﺪەك ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﻳﯧﺰا ﺋﻮرﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻳﯧﺰا ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮى، ﺑﯚﻟﯜم، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪارە - ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﯘﻗﯘپ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚز ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﭼﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ زەﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﭗ، دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩلاردا دورا ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
    ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﻗﻮل ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻗﺮالارﻧﻰ ﺋﻪرزﯨﻤﻪس ﺋﯩﺸلار ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ - ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﻳﯟە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻧﻰ ﺋﺎﯕلاپ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﮬﻪم ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻏﺎ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ۋە ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺑﻪرﮔﻪن؟ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ۋە ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﻤﯘ؟ ﺋﯘلارﻧﻰ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚز ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ۋە ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘپ ۋەزﯨﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﺴﺎ، رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﭙلا ﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﮬﯚﻛﯜرەپ ﮬﻪﻳﯟە ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜرﺳﻪ، ﺋﯘلار ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﯘ؟ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازى ﺧﯩﺮەﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻤﯘ؟ ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ۋ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟
    ﺋﯘلار ﺋﺎﻏﺰﯨﺪا «ﺋﯜﭼﻜﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ۋە «ﭘﯘﻗﺮالار ﺋﻪﺧلاق ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻳﯜرﮔﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ زﯨﺖ ﺗﯘرﺳﺎ، ﺋﯘلارﻏﺎ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﯘن؟
    ﺋﯘلار ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪڭ ﻛﻪڭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜپ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯩﻠﻐﺎر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ، ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩلالاﻳﺪۇ؟ ﺋﯘلار ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﻳﯜرۈپ ﺋﺎﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰ ﻳﻪردە ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯘرۇق ﮬﻪﻳﯟە ﻗﯩﻠﯩﺶ _ ﭘﺎرﺗﯩﻴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﭘﺎرﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ رەﮬﺒﯩﺮﯨﻲ ﻛﺎدﯨﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﻐﺎ ۋە ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ۋەزﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪززاﺳﯩﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺧﯩلاپ.
    ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاش ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﯩﺪەك ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﺳﯧﮕﻨﺎل ﺑﻪرﻣﻪي ﺗﯘراﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰﻛﻰ: ﻗﻮل ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯜﺳﺘﻪل دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ. ﺑﻮﻟﺪى ﺑﻪس، ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﻰ ﻣﯘﺷﺘلاۋەرﻣﻪڭ، ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺳﻮت ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘن.
    ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮاﻳﻠﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎزار ﺑﻪرﻣﻪﻳﻠﻰ، ﭘﯘﻗﺮالارﻏﺎ ﮬﻪﻳﯟە ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ دەۋر ﺳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن زاﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﻗﺎﻧﯘن ﺳﺎۋاﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى، ﻗﺎﺋﯩﺪە ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪم ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩلاﻳﻠﻰ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ، ﮬﯚرﻣﻪت - ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە زور ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪر ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗلار ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاۋەرﺳﻪك ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﯩﺰدا ﺋﺎدەم ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﮬﯜرﻛﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.
    ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪە «ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﭼﯧﯖﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎس، ﭼﯧﯖﻰ ﭼﯩﻘﺴﯩﻤﯘ دﯦﯖﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎس«، »ﻳﺎﻟﻐﯘز دەرەخ ﺋﻮرﻣﺎن ﺑﻮﻟﻤﺎس» دﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎل - ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ۋە ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚزﻟﻪر ﺑﺎر.
    ﺋﯜﺳﺘﻪل ﻣﯘﺷﺘلاپ، ﮬﻪﻳﯟە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻮق ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻟﯟە ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ، ﻳﯩﺮﮔﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.
    ﭘﯘﻗﺮالارﻏﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎن، ﺳﯩﺮداش ﺑﻮﻟﻐﺎن رەﮬﺒﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازى ﻧﯘرﻟﯩﻨﯩﭗ، ﮬﯚرﻣﯩﺘﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر، ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﺪەك ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪۇ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪا ﺳﺎداﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺠﺎﻧﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. رەﮬﺒﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯘﻗﺮا ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﻨﺎق - ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
    ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ زۆرۈرﻛﻰ، ﭘﯘﻗﺮا دﯦﻤﻪك _ ﺧﻪﻟﻖ دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ دوﻟﻘﯘﻧلاپ ﻣﻪۋج ﺋﯘرۇپ ﺗﯘرﻏﺎن دﯦﯖﯩﺰ - ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ، ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ دﯦﯖﯩﺰ - ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪا ﺋﯜزۈپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯧﻤﻪ، ﻗﯧﻴﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﺗﯩﺮﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. دﯦﯖﯩﺰ - ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪا ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﺪدەﺗﻠﯩﻚ دوﻟﻘﯘن ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﺴﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﻪﻏﺮۇر ﺋﯜزۈپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯧﻤﻪ، ﻗﯧﻴﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﺗﯩﺮ دوﻟﻘﯘﻧﺪا ﻏﻪرق ﺑﻮﻟﻤﺎي، ﺧﺎدا ﺗﺎﺷلارﻏﺎ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘپ ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪي ﺋﺎﻣﺎن ﻗﺎلارﻣﯘ؟
    ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪن ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻣﯘ ﻗﺎش ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا.
    ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮدەك ﺑﻮﻟﻤﺎي ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﺸﯩﭗ، ﭘﯘﻗﺮالاردﯨﻦ ﻳﯩﺮاﻗلاپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻏﺎ ﻣﻪرﮬﯘم ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﻧﺎﭘﯩﺮﻧﯩﯔ:
    «ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎڭ ﺳﯧﻠﯩﻖ ﺑﻮل،
    ﺳﻮﻏﯘق ﺑﻮﻟﻤﺎي، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮل.
    ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪم ﺋﯩﭽﯩﺪە،
    ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﮕﻪن ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺑﻮل.
    ﺳﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ﺳﯚزۈﯕﻨﻰ،
    ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘر ﺋﺎﻣﺮاق.
    ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ﺳﯚزۈﯕﻨﻰ،
    ﺋﻪل ﺑﻮلار ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮاق».
    دﯦﮕﻪن ﻗﻮﺷﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ لاﻳﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺋﯘلار ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺮەت ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺗﯜزۈﻟﯜپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪب ﺋﻪﻣﻪس.

    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﻳﻪﻛﻪن ﺧﻪﻟﻖ رادﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ)
    <<جوڭگۇ مىللەتلىرى>> ژۇرنىلى 2004.3 - سانىدىن

    分享到: