• ئەقىللىق خوتۇن ۋە ئەقىلسىز خوتۇن

    2009-05-08

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39098503.html

    ئەقىللىق خوتۇن ۋە ئەقىلسىز خوتۇن

     
    ئەقىللىق خوتۇن ياستۇق بېشىدا ئېرىنىڭ خاتالىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ياستۇق بېشىدا ئېرىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولسىمۇ، ھەمىشە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى ئاشكارلايدۇ.

    ئەقىللىق خوتۇن ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتوقچىلىقىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى خۇشال بولىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئېرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ھەمىشە ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى زېرىكىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئېرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

    ئەقىللىق خوتۇن ئېرىنىڭ كەسپىنى ئۆزۈمنىڭ كەسپى، دەپ قاراپ،كۆپ ياردەم بېرىدۇ. ئۇ تاغ ۋە دەريالار بىر - بىرىگە يۆلەنچۈك بولىدۇ، تاغ قانچە ئېگىز بولسا، سۇمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنىڭ كەسپىگە
    قىزىقمايدۇ ۋە قوللىمايدۇ. ئۇ تاغ قانچىلىك ئېگىز بولسا، سۈنىڭمۇ شۇنچىلىك كۆپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    分享到: