• ﺟﯘﯕﺨﯘﺍﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ

    2009-05-09

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39135351.html

    ﺟﯘﯕﺨﯘﺍﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ

    ( 1984 - ﻳﯩﻞ 5 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 31 - ﻛﯜﻧﻰ 6 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ 2 - ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ، 2001 - ﻳﯩﻞ 2 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ 9 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 20 - ﺳﺎﻧﻠﯩﻖﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ << < ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ > >>ﻏﺎ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ >>ﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ )

    ﺳﯚﺯ ﺑﯧﺸﻰ

    ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ _ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ _ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ - ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﭖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔﺗﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ، ﯪﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚﻗﯩﻠﯩﺪﯗﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻫﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰﯞﻩ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯲﺯﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﯲﺯﻯﺧﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯪﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺷﺘﻪ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝﯮﻳﻨﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰﻗﻪﺗﺌﯩﻲﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺑﯘ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻳﻮﻟﻐﺎﻗﻮﻳﯘﺵﯴﭼﯜﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﯪﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﻻﺯﯨﻢ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺶﻛﯚﺭﯛﺵ ، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﯲﺯﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﺪﻩ ، ﭼﻮﯓ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ، ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰﭼﻮﯓﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ - ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ ، ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯓ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯦﯔ ﺷﻴﺎﯞﭘﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﺴﻰﺩﯨﻜﺘﺎﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ، ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ، ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﻚﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ ، ﺷﯘﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻱ - ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ، ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    << ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﻗﺎﻧﯘﻧﻰ >> ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯗﺭ .
    ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ
    1 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﻗﺎﻧﯘﻧﻰﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .
    2 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﮔﻪﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔﯪﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ .
    3 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯩﺲﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ - ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .
    4 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚﺩﯙﻟﻪﺕﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﯴﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ 5 - ﭘﺎﺭﺍﮔﺮﺍﻓﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ، ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
    ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺭﺍﻳﻮﻥ ، ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﻠﻠﻪ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ .
    5 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﯫﻳﻪﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    6 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ، ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﯬﻣﮕﻪﻙ ﯴﻧﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯴﻧﯜﻣﻨﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰﯲﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔﺋﯧﺴﯩﻞﯬﻧﯭﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .
    7 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔﯮﻣﯘﻣﯩﻲﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﯪﻝ ﯮﺭﯗﻧﺪﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    8 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﯩﮕﻪﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
    9 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
    10 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ، ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﯲﺭﭖ - ﯪﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﻼﻫ ﻗﯩﻠﯩﺶﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
    11 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭﻣﯩﻠﻠﻪﺕﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
    ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﯩﻨﻰ ، ﺟﺎﻣﺎﯬﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺲ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ .
    ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
    ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﯬﻝ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ .
    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ
    12 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﯪﺳﺎﺱﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﻪﻣﺪﻩﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯪﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻱ ﻗﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯪﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﯪﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰﯞﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰﯲﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯪﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    13 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ، ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﯬﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎﯪﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﯮﺭﯗﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ .
    14 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ، ﺭﺍﻳﻮﻥﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔﯪﻳﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﯰﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﻣﻪﻟﯘﻡﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﯰﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؛ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ، ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗﺑﻮﻳﯩﭽﻪﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
    15 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺧﻪﻟﻖﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚﺧﻪﻟﻖﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ، ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ، ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﻯ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ ، ﯰﻻﺭ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﯞﻩﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﺍﻳﺎﻛﻰ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
    16 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﺷﯘ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖﺳﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻧﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﯬﻧﮕﻪ ﯪﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻨﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻣﯘﺩﯨﺮ ﻳﺎﻛﻰﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯲﺗﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    17 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖﺳﻪﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﻣﻪﺳﯱﻝﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﻳﺮﯨﻢ - ﯪﻳﺮﯨﻢﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
    18 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﻪﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﯴﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ
    19 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭﻧﻰﺗﯜﺯﯛﭖﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﯪﻳﺮﯨﻢﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦﯲﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﯬﻧﮕﻪﯪﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ .
    20 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭ ، ﺑﯧﻜﯩﺘﻤﻪ ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻕﯞﻩﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﯰﻳﻐﯘﻥﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؛ ﺷﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﻰﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ 60 ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﺎﯞﺍﺏﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    21 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ، ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ؛ ﯲﺯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺗﻪﯓﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰﻳﻮﻟﻐﺎﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    22 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯗ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕﯪﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ ﯞﻩﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﯬﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰﻗﻮﺑﯘﻝﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    23 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰﻻﺯﯨﻢ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯪﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯪﻫﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦﯪﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    24 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔﻫﻪﺭﺑﯩﻲﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﯞﻩ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﯪﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
    ﺟﺎﻣﺎﯬﺕﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

    25 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻓﺎﯕﺠﯧﻦ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ .

    26 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﺍﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﯮﻣﯘﻣﯩﻲﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .

     27 - ﻣﺎﺩﺩﺍﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﺩﯨﻦﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯚﭼﻪﺕ - ﺟﯩﺮﯨﻢﺗﯩﻜﯩﺶ ﯞﻩ ﯮﺕ - ﭼﯚﭖ ﺗﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯮﺕ - ﭼﯚﭖ ﯞﻩ ﺩﻩﻝ - ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .

     28 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﯪﺳﺮﺍﻳﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﯲﺯﻯ ﯪﭼﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖﯪﭼﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .

     29 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .

     30 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ .

     31 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪﺑﯩﻨﺎﯬﻥ ، ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﭼﻪﺕ ﯬﻟﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺳﻮﺩﺍﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

     32 - ﻣﺎﺩﺩﺍﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯗﺭ ، ﺩﯙﻟﻪﺕﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯬﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺗﯘﺗﺎﺵ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺕﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺪﺍ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ، ﯪﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﭼﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯧﺠﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .

     33 - ﻣﺎﺩﺩﺍﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﯩﻘﯩﻢﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻧﻮﺭﻣﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗﯞﻩ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﯬﻧﮕﻪ ﯪﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ ؛ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺷﻪﺭﺕ .

     34 - ﻣﺎﺩﺩﺍﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺝ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺠﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥﯞﻩ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﮕﻪ ﺗﻪﯬﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻫﻪﻡ ﺑﺎﺝ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡﯮﺑﻼﺳﺖ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ، ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ .

     35 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﻧﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﻳﯧﺰﺍ ﯪﻣﺎﻧﻪﺕ - ﻗﻪﺭﺯ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

     36 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﻓﺎﯕﺠﯧﻨﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ، ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .

    داۋامى ئاستىدا(ئىنكاس رايۇنىدا)

    分享到:

    评论

  • 37 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﭼﯩﺪﯗ ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﯞﻩ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻛﻪﺳﯩﭗ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﯪﻟﯩﻲ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ، ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ( ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ) ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﯪﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﯲﺗﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﯬﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ . ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ - ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    38 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ، ﺳﻪﻧﯭﺕ ، ﯪﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ، ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ، ﺭﺍﺩﯨﯯ ، ﻛﯩﻨﻮ ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵ ، ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ، ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯪﺳﺎﺭ - ﯬﺗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
    39 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . 40 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ - ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ - ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻫﻪﻡ ﯰﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﯪﻧﺎ - ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ - ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ .
    41 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ .
    42 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺕ ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﻻﻗﻪ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﺎﯪﻝ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺕ ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﭼﻪﺕ ﯬﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻻﻗﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    43 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﯪﻗﻤﺎ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
    44 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﻏﯘﺵ - ﯮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺗﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
    45 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻫﯩﺘﻨﻰ ﯪﺳﺮﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ ، ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯪﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﯪﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ ، ﻧﻮﭘﯘﺱ ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ 46 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    47 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﻠﻮﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﻪﭘﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺍ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ
    48 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﯪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﯪﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ .
    49 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯲﮔﯩﻨﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯲﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯲﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﯲﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    50 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
    51 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﺸﻰ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ .
    52 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻖ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺗﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯪﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
    53 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ، ﯬﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ، ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯬﺧﻼﻗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯲﮔﯩﻨﯩﺶ ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ، ﯲﺭﭖ - ﯪﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﯪﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﻰ
    54 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ، ﺑﯧﻜﯩﺘﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    55 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺗﯜﺯﯛﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯬﺷﻴﺎ ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ، ﺋﯩﭽﻜﻰ - ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﺘﻪ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    56 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻗﻪﺭﺯ ﭘﯘﻟﻰﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﮕﻪﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯬﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰﯪﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﯦﯫﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﯪﻝ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺩﯙﻟﻪﺕﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺷﯘﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ، ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺏ ﯴﺳﻜﯜﻧﻪ ﯞﻩ ﻫﯜﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﯭﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ .
    57 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﭘﯘﻝ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻝ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ . ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﻪ ﯪﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﻯﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﯜﻟﯜﻛﻜﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﻧﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﯩﻠﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﺮﯦﺪﯨﺖﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﭘﺎﯪﻝ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
    58 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﯲﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ، ﺷﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    59 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﯪﺯﺍﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﯰﻧﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﺎﻡﭼﻮﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
    60 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﻮﺩﺍﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﯩﻠﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ، ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ - ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ، ﺑﺎﺝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    61 - ﻣﺎﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰﭼﻮﯕﺎﻳﺘﯩﺪﯗ ، ﯴﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ، ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .
    62 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ . ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ، ﯰﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
    63 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﯮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ، ﯪﻻﻗﻪﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ، ﭘﯘﻝﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ، ﺑﺎﺝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻧﺎﯬﺗﻨﻰ ، ﻳﯧﺰﺍ - ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ، ﻛﯩﭽﯩﻚﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔﯞﻩ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﻝ ﺳﺎﻧﺎﯬﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    64 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ، ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﻣﻪﺩﻩﺕﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲﺋﯩﺸﻼﺭ ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    65 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﯩﮕﻪﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺩﯙﻟﻪﺕﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﯪﺭﺍ ﭘﺎﻳﺪﺍ - ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
    66 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ ، ﻣﯘﻫﯩﺖ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﯨﺘﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺗﯜﺯﻩﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ ، ﻣﯘﻫﯩﺖﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ، ﯴﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﯞﻩﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯪﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩﯰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 67 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﯪﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦﯪﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ، ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ، ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﯨﯫﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    68 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰﯲﺯﮔﻪﺭﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
    69 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯬﺷﻴﺎ ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯚﻟﻪﺵﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯗﭖ ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﯪﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ، ﻫﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    70 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯬﯞﻩﺗﯩﺪﯗ ، ﯰﻻﺭﻏﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.