• غۇرور-مىللەتنىڭ روھى

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63947634.html

    غۇرۇر ئىنتايىن غەيرى نەرسە: ئاسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىدە) ھەممىدىن جاھىلى غۇرۇردۇر، يەنى ئاسسىمىلاتسىيە "تىل"دىن باشلىنىپ، "مەدەنىيەت" جەھەتتىكى نۇرغۇن توقۇنۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، "غۇرۇر"نىڭ جاھىللىقىدا ئۇزۇن يىللار سۆرۈلۈپ، مىڭبىر جاپادا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن --- پەقەتلا مۇمكىن (يەھۇدىلارنى دەل ئۇلاردىكى جاھىل غۇرۇر ئۇلارنىڭ تاشلىۋەتمەي ئەپكەلگەن مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ ساقلاپ قالغان)؛ دىسسىمىلاتسىيەدە (مىللەتنىڭ پارچىلىنىشىدا) ھەممىدىن راۋانى يەنە شۇ غۇرۇر --- گەرچە دىسسىمىلاتسىيەمۇ ئوخشاشلا "تىل"دىن باشلانسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقتلاردا يۈرۈش قەدىمى ھەممىدىن تېز بولىدىغىنى "غۇرۇر"دۇر، بۇ جەريانلارنى "مەدەنىيەت" ھەتتا سەزمەيلا قېلىشىمۇ مۇمكىن. (بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغىنى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بولسا كېرەك.) غۇرۇر خۇددى بىر ماگنېت تاياقچىسىغا ئوخشايدۇ: ئىككى قۇتۇبى بار، ئەگەر ماگنېت تاياقچىسى مەلۇم بىر جايدىن ئۈزۈلسە، يېڭىدىن شەكىللەنگەن ھەر ئىككى پارچە ماگنېت تاياقچىسىدا دەرھاللا قۇتۇپ ھاسىل بولىدۇ --- ھەر بىر تال تاياقچە مۇستەقىل ماگنېتقا ئايلىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش بولسا ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس --- ئىككىسى بىرگە تۇرالىغان تەقدىردىمۇ قارىمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرىدۇ. j1p9|;  
    -sJl7  
    يەنە كېلىپ غۇرۇر يالغۇز مىللەتكىلا خاس نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە "غۇرۇر"غا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: i.tL#_&Uk  
    'dv: ]s2W#  
    ① كىشىنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىش ھىسسى، ئىززىتى-نەپسى p7K.Se)  
    ② كىشىلەرنىڭ بىرەر نەرسىدىن مەمنۇن بولۇش ھىسسىياتى "*0VKP}  
    ③ كىشىلەر پەخرلىنىشكە ئاساس بولىدىغان نەرسە {h^.R48w  
    yDkM@#ZWaF  
    بىز بۇ يەردە نۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىز بىرىنچى مەنىسىدۇر. "كىشىنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى بىلىش ھىسسى." بۇ بىر جۈملە يەنە نۇرغۇن غۇرۇر تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، مىللىي غۇرۇر، دىنىي غۇرۇر، ۋەتەنپەرۋەرلىك غۇرۇرى ۋە باشقىلار. "ۋەتەنپەرۋەرلىك غۇرۇرى" كۆپ ھاللاردا "مىللىي غۇرۇر" بىلەن ئوخشاش ياكى مەنىداش بولىدۇ. "دىنىي غۇرۇر" بولسا بىرقەدەر مۇرەككەپ، چۈنكى ئۇ چېگرا ھالقىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دۇنياقارىشى، قىممەتقارىشى قاتارلىقلارنى مىللەتنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىدىن ئايرىپ قويىشى مۇمكىن. ئۇلۇغ تىلشۇناسىمىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ <<Türkiy Tillar Diwani>>نى كۆرگەنلەر ئەلۋەتتە بىلىدۇ، ئۇنىڭدا تارىم دەرياسىنى "مۇسۇلمان دۆۋلىتىدىن ئۇيغۇر دۆۋلىتىگە ئېقىپ كىرىدىغان دەريانىڭ ئىسمى"، دەپ ئىزاھلىغان. دىمەك شۇ زامانلاردا دىنىي غۇرۇر ئۇيغۇرلارنى ئىككىگە پارچىلىۋەتكەن --- بىر پارچىسى، تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلار، بۇلار يەنىلا "ئۇيغۇر" دەپ ئاتالغان؛ يەنە بىرى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇلار "مۇسۇلمانلار" دەپ ئاتالغان. ئالدىنقى ھەپتە مەن قايسى بىر توربەتتە مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم: بىرسى "ماۋۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كۆرۈڭ"، دەپ، قەشقەردە تارتىلغان، كۆزىدىن باشقا ھېچقانداق يېرىنى ئوچۇق قويماي "مۇسۇلمانچە" كىيىنگەن بىرمۇنچە خوتۇن-قىزلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئاستىدا بولغان مۇنازىرىلەردە، بەزىلەر "ناھايىتى ياخشى ئىش قىپسىز، بەك ئېسىل سۈرەتلەرىكەن"، دىسە، بەزىلەر "خوتۇن-قىزلارنى ئۇنداق كىيىنىشكە مەربۇرلىماسلىق كېرەك"، دېيدۇ. مۇنازىرىچىلەرنىڭ ئىچىدە بىر يىگىتنىڭ دىنىي غۇرۇرى ئالاھىدە قوزغىلىپتۇ: "بۇ رەسىملەر بەك ياخشىكەن. مەن بۇرۇن تېلېۋىزور-جھورناللاردىن ۋە تورلاردىن چەتئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنداق كىيىنگىنىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ قىزلىرىمىز قاچانمۇ مۇشۇنداق كىيىملەرنى كىيەر، دەپ ئويلايتتىم. مانا بۈگۈن قەشقەردە شۇنداق كىيىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ..." بۇ يەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئارىسىدا تا ھازىرغىچە مىللىي غۇرۇر بىلەن دىنىي غۇرۇر ئارىلىشىپ كەتكەن، يەنى "مىللەت" ئۇقۇمى بىلەن "مۇسۇلمان" ئۇقۇمى ئارىلىشىپ كەتكەن. # T{GRm8  
    v\< i=W  
    بەلكىم "غۇرۇر"نىڭ بۇنداق كۆپ خىللىقلىقى مىللەتنىڭ بىرلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىسىز بولىشى مۇمكىن. دىمەك، غۇرۇرنىڭ خاراكتېرى ھەم جاھىل، ھەم چۈرۈك. ~|\Vu%IxM  
    Vt7F*#`PB  
    3. مەدەنىيەت Sd"4ecx;*p  
    gO F Y  
    ---- يېپىشتۇرغۇچى JYU_ZZ'~  
    M[(}UhG27  
    مىللەتنىڭ تىل، مەدەنىيەت، غۇرۇردىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلى ئىچىدە، مەدەنىيەت يېپىشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. z.]cSk  
    #lpL H)z%  
    ئالدىنقى بۆلۈمدە، غۇرۇرنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن ماگنېت تاياقچىسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پارچىلىنىشتىن ھاسىل بولغان ئىككى تال ماگنېت تاياقچىسىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، ئىككىسى بىرگە تۇرالىغان تەقدىردىمۇ قارىمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرىدۇ، دىگەن ئىدىم. قارىمۇ-قارشىلىق ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش شەكلى. لېكىن ماددا بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، بۇ يەردە چوقۇم ئالاھىدە كۈچلۈك بىر ئامىل ("شىلىم") ماددا بۆلەكلىرىنى بىرگە تۇرۇشقا مەجبۇرە قىلغان بولىدۇ. ئىككى تال ماگنېت تاياقچىسى قارىمۇ-قارشى ھالەتتە چىڭ "بىرلەشكەن" بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئەسلىدىكى پۈتۈن ماگنېتقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ --- ئۇلارنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېپىشتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان شىلىم بولۇشى كېرەك. دىسسىمىلاتسىيەدىن بارلىققا كەلگەن "غۇرۇر" پارچىلىرىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئەنە شۇنداق بىر خىل شىلىم زۆرۈر، بۇ دەل مەدەنىيەت. ic{+ {=sW  
    bJ@S/]k[  
    مەدەنىيەت مەلۇم بىر تىلنى ۋاستە قىلىپ شەكىللىنىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە يىغىلىدۇ، ھەمدە بۇ، مىللىي غۇرۇرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، "مەدەنىيەت" يەنە كېلىپ "مىللەت"نىڭ مۇكەممەل مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. +YD Oj~  
    /6}KNczc  
    [ نەچچە مىڭ يىللىق سەرسانلىق جەريانىدا، يەھۇدىلارنىڭ قېنى، تىلى گەرچە خىلمۇ-خىل ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ غۇرۇرى ۋە شۇ غۇرۇرغا ئاساس (ياكى سەۋەپ) بولغان مەدەنىيىتى ئۆزگەرمىگەن. شۇڭا ئۇلار 1947-يىلى ئىسرائىلىيە دۆۋلىتىنى قۇرغان چاغدا، دۇنيانىڭ ھەرياقلىرىدىن كەلگەن ئاق، قارا، سېرىق، ... ئۆڭلۈك "يەھۇدىلار" ئەشۇ مەدەنىيەت ۋە غۇرۇرنىڭ كۈچىدە ئورتاق بىر بايراق ئاستىغا يىغىلغان. ] b&b=MS-{  
    #Ojt8h|R  
    4. خۇلاسە B_1(-VE*M  
    RS9*lBUN  
    مۇكەممەل مىللەت ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئۈچ ئامىلى خۇددى داڭقاننىڭ ئۈچ پۇتىغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدۇ. bWqIw{nU  
    Wwa5 /Ba  
    تىل --- مىللىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ۋاستە. %SmCZrLy  
    O^S[X"  
    مەدەنىيەت --- مىللەت روھىنىڭ ئىپادىچىسى؛ مىللەت پۈتۈنلۈكىنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى شىلىم. `LFiUWBLI  
    1Xb? gQ^l  
    غۇرۇر --- مىللەتنىڭ روھى؛ تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كىملىك كېنىشكىسى AD>,| ]  
    LiZT|  
    غۇرۇرنىڭ ئاساسى تىل ۋە مەدەنىيەت بولغاچقا، ئەگەر تىل ۋە مەدەنىيەت تەل-تۆكۈس ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ تۈگىسە، ئۇ ھالدا غۇرۇرنىڭمۇ قۇرۇق قېپىلا قالىدۇ. ^J36,T>  
    ~{B%w11M?  
    مىللەت = تىل + مەدەنىيەت + غۇرۇر >Q=9P|&+9k  
    مەدەنىيەت + تىل = غۇرۇرنىڭ ئاساسى ip^lcoDC  
    CM:_n/ ].  
    مىللەتنىڭ ئۈچ ئامىلى تەل بولغاندىلا، مىللەت ئاندىن مۇكەممەل بولغان بولىدۇ. /6Z]Q~C  
    "__\?7V^B  
    ① تىل + مەدەنىيەت + غۇرۇر = مۇكەممەل مىللەت j|RM9hd$  
    ② تىل + غۇرۇر = ئاجىز مىللەت ShD *ZR  
    ③ مەدەنىيەت + غۇرۇر = ئاسسىمىلاتسىيەگە يۈزلەنگەن مىللەت Cw*<MDL9*  
    ④ تىل ۋە/ياكى مەدەنىيەت = ھازىرقى دۇنيادا ھەقىقىي ئىگىسى يوق مەدەنىي يادىكارلىق (مەسىلەن، شىنجاڭدىن تېپىلغان توكھارا تىل-مەدەنىيىتى، 100 يىلدىن كېيىنكى بولغۇسى مانجۇ تىل-مەدەنىيىتى، ...) CczkxKkt.  
    ⑤ غۇرۇر = مىللەتنىڭ ئەرۋاھى (مەسىلەن، ياۋروپالىقلار كۆڭلىدىكى "توكھارا"، 100 يىلدىن كېيىنكى "تۇرانلار" كۆڭلىدىكى "مانجۇ"، ...)

    分享到: