• بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟

    2010-06-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66034215.html

     بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟
                      ﻳﺎﺷﺎش ـــ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ. ﻳﺎﺷﺎش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎج ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪﻗﯩﻘﻪت، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪرﻛﯩﻢ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرزۇﺳﻰ ۋە ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪر ۋە ﮬﯜﻧﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى - ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯘرﻣﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى- ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻰ، ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺎﺷﺎت ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ، ﻳﺎﺷﺎش ـــ ﻣﻮل ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎراﺳﻪت، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺷﯩﺠﺎﺋﻪت، ﺋﯚﻟﻤﻪس ﺋﯜﻣﯩﺪ - ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘرﺳﻪت.ﺳﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪە ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚردﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟
                        ﺑﯩﺰ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧلا زورﻣﯘزور ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰﻣﯘ؟ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧلا ﺑﯩﺮەر ﺋﻪﻣﮕﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻣﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﮔﯘﻧﺎﮬﻰ» ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﯩﺰدا ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﻪرۋاﻳﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﻟﻪك ﮬﺎﻟﺪا، ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪك ﻗﺎﭼﺎ ﺑﯩﻜﺎرلاپ، ﺗﺎلاﻏﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎق ﻛﻮﭼﺎ ﭼﯩﯖﺪاپ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﻤﯩﺰﻣﯘ؟ ﮬﺎﻳﺎت ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪا دوراﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯩﻠﺠﺎدﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻤﯘ؟ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ـــ ﺑﯩﺮەر ﻛﻪﺳﯩﭗ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ۋە ﮬﯜﻧﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎ - ﺗﯘﺗﻤﺎﻳلا ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻳﺶ - ﺋﯩﺸﺮەت ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯧﭙﯩﭗ، ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺗﯚت ﺗﻪﯕﮕﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺳﻮرۇپ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺟﻪرﻳﺎﻧﻤﯘ؟ ﮬﺎﻳﺎت دﯦﮕﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮارلاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩلا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯧﻠﯩﭙلاﺷﻘﺎن ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻤﯘ؟ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎر؟ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪي ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧلار ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﺑﯩﺰﻧﻰ، ﻳﻪﻧﻰ «ﺋﯘﻳﻐﯘر» ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜرەﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
                     ﺗﺎرﯨﺦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺑﺎﻳﺎﺷﺎت ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈۋاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﺑﺎﺷلاپ ﻛﯩﺮدى، ﺑﯩﺰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮدە رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ دۇچ ﻛﻪﻟﺪۇق. دۇﻧﻴﺎ ﻛﯚپ ﻗﯘﺗﯘﭘﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻳﯜزﻟﻪﻧﺪى، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚرۈﻟﻤﯩﮕﻪن دەرﯨﺠﯩﺪە زور ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗلارﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗلاردﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇق ﮬﻪم ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯜردە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ۋە ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﺎر راﻣﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﭼﺎﻗلاپ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎددﯨﻲ ﻣﻪﺋﯩﺸﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪرﻛﯩﻢ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎز، ﺋﻮرۇن ۋە ﻣﻪرﺗﯩﯟﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس روھ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎش ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺗلاﻧﺪى. رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ روﮬﯩﻴﻪت ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪا ﮔﯜﻟﺪۈرﻟﻪپ ﭼﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﻪزﮔﯩﻠﺴﯩﺰلا ۋەﮬﯩﻤﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺟﺎن - ﺟﻪﮬﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى. ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘش، ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎت ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﻮﺋﺎﻟلار ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻨلا «ﺋﺎلا» ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎرﭼﯩﺘﯩﭗ، ﻳﯩﮕﯩﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘش ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﻳﯜزﻟﻪﻧﺪۈردى. ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﺋﯘۋﯨﺴﻰ ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﮬﻪرﯨﺪەك ﮬﻪر ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺗﺮاﻳﻤﯩﺰ - ﻳﯘ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلار رازى ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ۋە دەﺳﻤﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﻣﻪي ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺗﺎﻗﻪت ﻗﯩلاﻟﻤﺎي «ﻏﻮرا» ﭘﯧﺘﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ، ﮔﺎﮬﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ، ﮔﺎﮬﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ زەﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ، ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻳﺎرﯨﺘﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﻗﻪرزﮔﻪ، ﻏﻪﻣﮕﻪ ﺑﻮﻏﯘﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن؟
                          ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎش ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯚزﻟﯜك داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﻳﺎﺷﺎش ﮔﻮﻳﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﻪﻛﺮارﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪك ﺑﯩﺮەر ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺷﻪﻛﯩﻞ ۋە ﺋﻪﻧﺪﯨﺰە ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺰدەﻧﻤﻪﻳﺪۇ. «ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮۋام دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﺎﺷﺎﭘﺘﯘ، ﻣﻪن ﭼﻮﻗﯘم ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن»، «ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮۋام ﻛﺎدﯨﺮ ﺋﯩﻜﻪن، ﻣﻪن ﭼﻮﻗﯘم دوﻛﺘﻮر، ﭘﺮوﻓﯧﺴﺴﻮر، ﺋﺎﻟﯩﻢ … ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن»، «ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮۋام ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻣﯩﺮاس ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﻮرۇ - ﺟﺎﻳلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﭘﺘﯘ، ﻣﻪن ﺑﯘ ﻗﻮرۇ - ﺟﺎﻳلارﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩلاپ زاﻣﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻖ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪن …» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻮﻳلارﻧﻰ ﺋﻮﻳلاﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﯘدرەت ﺗﺎﭘﻘﯘزۇﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺑﯘرﭼﻘﯩﻤﯘ ﺳﯘس ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش، ﺑﯩﺮەر ﻛﻪﺳﯩﭗ ۋە ﮬﯜﻧﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺶ، دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ، ﺋﻪﻳﺘﺎۋۇر، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ ۋەﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇپ - ﭼﯧﭽﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﺪەك ﺗﯘﻳﯘﻟﯘپ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ۋاز ﻛﯧﭽﯩﺪۇ. ﺑﺎﻟﯩلارﻣﯘ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘش، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﻮﻗﯘپ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯘل ﺗﺎﭘﻘﺎن ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪن، دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚزﻗﺎراﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﺪﯨلا ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻤﺎي، ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎلا ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ رﯦﺴﺘﻮران ۋە ﻣﯧﮭﺎﻧﺴﺎراﻳلاردا، ﺗﯜرﻟﯜك ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردە ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﯘلازﯨﻤﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﺶ - ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ، ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘلارﻏﺎ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩلا ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜرﻣﯩﻠﻪردە ﭘﺎﻳﺨﺎن ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘلار ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن، ﺑﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺷﺎراﺋﯩﺘﻰ ۋە ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﺳﻤﯩﺪى - ﮬﻪ؟ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻧﺎﺑﯘت ﻗﯩﻠﻤﺎي ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮا، ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ، ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚزى ﻗﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻟﯩﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺗﻮﻏﺮا، ﭘﯘل ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰى، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرﮔﯜچ ﻛﯜﭼﻰ. ﮬﺎزﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرادﯨﻤﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯜك ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ۋەزﯨﻴﻪت ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪى، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯧﯩﻤﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺷﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﻨﯩﻤﯘ، ﺋﯚزﮔﯩﻨﯩﻤﯘ رازى ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﯘ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ، ۋﯨﺠﺪاﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﭘﯘل ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﺪا ﺑﻪﺧﺖ، ﻳﺎﻣﺎن ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﺪا ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮش ﺑﯩﺴﻠﯩﻖ ﺷﻪﻣﺸﻪر. ﺑﯘ ﺷﻪﻣﺸﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﺷلار ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ.
                         ﺑﻪزﯨﻠﻪر: «ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘپ، ﺑﯩﺮەر ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪڭ، دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯩﺴﻪن» دەﻳﺪۇ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ دەۋردە دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪت ﻛﯧﺮەك. ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘش، ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪن دﯦﮭﻘﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪۋلادى. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﻪڭ ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻗﻰ دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻧﻮﻣﯘس، دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚچ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎﭼﺎر روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪت. ﻗﺎﻧﺪاق دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮلاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯘر.
                            ﺑﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﻛﻪﯕﺮى ﺳﻪﮬﻨﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎدﻛﺎرﻟﯩﻖ، ﺳﻪرﻛﯩﻠﯩﻚ، ﺳﻪردارﻟﯩﻖ روﮬﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜزۈل - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘش ﺧﻪۋﭘﯩﮕﻪ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪر ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪى، ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺧﯘﻣﺎر، ﺋﯩﺮادﯨﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻗﻪدەﻣﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ زادى ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ، ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق، ﭘﯘرﺳﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﺗﻪﻣﻪﺧﻮرﻟﯘق، ﺗﻪﺧﺴﯩﻜﻪﺷﻠﯩﻚ، ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻣﻮدا ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ؛ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﯩلا ﺋﻮﻳلاپ ﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻳﯧﻘﯩﻨﻨﯩلا ﺋﻮﻳلاپ، ﻳﯩﺮاﻗﻘﺎ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎر ﻣﻪزﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈش ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ... ﺋﯚﻣﯜرﺑﻮﻳﻰ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯜردە ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺳﺎﻏلام روﮬﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘرﺗﺘﻪك ﻏﺎﺟﺎپ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﺎلاي ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ، ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎزلاردﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﻗﺎﻟﺪۇرﻣﺎﻗﺘﺎ.
                      ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻗﯘش دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖلا ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﺪەك، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯜردە ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ دﯦﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇق. ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯘﻧﯟان ﺋﯧﻠﯩﺶ، دەرﯨﺠﻪ ﺋﺎﺗلاش ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯚﺗﯜش دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر ﮔﻮﻳﺎ ﭘﯘﻟﺴﯩﺮات ﻛﯚۋرۈﻛﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﯘﻳﯘﻟﯘپ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺟﯜرﺋﻪت ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮەر ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﺪا ﺋﯩﺸﯩﻜﻤﯘﺋﯩﺸﯩﻚ دوﻗﯘرۇپ، ﺗﯩﻤﯩﺴﻘﯩلاپ ﻳﯜرﯨﻤﯩﺰ. ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺧﻮش - ﺧﻮش» دەپ ﺑﻪل ﺋﯧﮕﯩﭗ، ﺗﯚۋەﻧﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﮔﯩﺪﯨﻴﯩﭗ، ﺗﯧﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎي ﻳﯜرﯨﻤﯩﺰ. دوﻛلات ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪا ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ زور ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﺮاق ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﻳﯘﻗﯩﺮى رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﺗﯜرﻟﯜك ﮬﯩﻴﻠﻪ - ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﺧﺘﺎپ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاپ ﻗﻮﻳﺴﯩﻐﯘ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚرەﯕﻠﻪپ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻗﻮﻳﺎرﻏﺎ ﻳﻪر ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺳﻪت ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﻗﺎﻟﺴﺎم ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪﯨﻦ، ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن ﺋﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇق ﻗﺎلارﻣﻪﻧﻤﯩﻜﯩﻦ، دەپ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﯩلا ﺋﻮﻳلاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎدﯨﺮﻏﺎ، زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻐﺎ ﺧﺎس دادﯨﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻧﺎﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺳﺎﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﺷﻘﺎن ﻛﺎﻟﯩﺪەك ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن. ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺴﯩﺰدەك ﻳﻮﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﯩﻤﯩﺰدا ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻳﺎراﺗﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار ۋە ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮى ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎي، «ﻗﯧﺮﯨﭗ» ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯘﻳﺎﻟﻤﺎي ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، دﯨﭙﻠﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ۋە ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺳﺘﺎژﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪش ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚز - ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯩﯔ ﺷﯜﻛﺮى ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﻪرﺳﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﻪرﻣﯩﺴﻪ ﻗﺎراپ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪردﯨﻨﺪۇر زارلاپ، ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪلا ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن، ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﭘﯘرﺳﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚز ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﻜﺎر ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘش ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜرﺗﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﮬﻪق ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎي، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚزﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎن ﻛﯚﻳﺪۈرۈپ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪۇر ﺋﯘلارﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻤﺎﻳﻤﯩﺰ؛ ﺑﯩﺰ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎن، ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻨﻰ ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺴﯩﻐﯘ ﻗﻮﻗﺎﺳﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋاﻟﻐﺎﻧﺪەك ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻮرﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟالارﻣﯩﻜﯩﻦ، «ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺗﺎۋاق»ﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻗﯘرۇق ﻗﺎلاﻣﺪۇﻗﻜﯩﻦ دەپ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻣﺎﺳلاﺷﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮق، ﻳﺎردەم ﺑﻪرﻣﻪﻛﺘﻪ ﻳﻮق، ﺗﯜرﻟﯜك ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘلارﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯘﺗﻠﯩﻜﺎﺷﺎڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯩﻤﯩﺰ. ۋاﺳﯩﺘﻪ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎي ﺋﯘلارﻧﻰ رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺳﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ. رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﻪ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘلارﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺴﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘلاﻳﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﻳﺎردەم ﺑﻪرﺳﻪ، ﺋﯘلارﻏﺎ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻪﺗﻨﺎﻣلارﻧﻰ ﭼﺎﭘلاپ، ﺳﺎﻣﺎن ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﻳﯜﮔﯜرﺗﯜپ، ﺳﯚز - ﭼﯚﭼﻪك ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ. رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ ﻧﺎۋادا ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﯩﻐﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ، ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﭘﻪرەزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻳﺪۇرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻳﯜرۈﺷﻜﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﺘﻪ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ؟ ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﻳﻮق، ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻳﻮق ﺑﻮﻟﯘپ رەﻟﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺗﯧﺨﻰ ﻧﺎداﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪر ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰدا، ﺋﯚز ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰدا ﻳﺎرﯨﺘﺎﻟﻤﯩﻐﺎن دﯨﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ، ﻧﺎداﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﻤﻪي، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦ، ﻣﯩﯖﺒﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎرﻏﺎ ﻗﻮﺷﻘﺎن، ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﻪرﮔﯩﺪۇر ﺧﯘﺷﺎﻣﻪت داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻳﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﮬﺎﻣﺎن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜزۈﻣﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺋﯩﺰدەﻳﻤﯩﺰ.
                     ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪە «ﺑﯩﺮەر ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﻪﭘﻠﻪپ - ﺳﻪﭘﻠﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرﺳﻪك، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎق ﺑﻮﻟﺪى» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚرﻟﻪپ ﺋﻮﻗﯘش، ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩلاش دﯦﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺳلا ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎي، ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺑﺎردى - ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﻤﯩﺰ. ﻳﯜرەك ﭘﺎرﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺗﻪﻟﻪپ - ﺋﺎرزۇﻟﯩﺮى، ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪﺳلا ﺋﻮﻳلاپ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮔﺎﮬﻰ ﺋﯘ ﭼﻮڭ ﺋﯚﻳﮕﻪ، ﮔﺎﮬﻰ ﺑﯘ ﭼﻮڭ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘپ، ﮔﺎﮬﻰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪرﻟﻪر «ﺑﺎلا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» دﯦﺴﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار «ﺑﺎلا ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ، ﺋﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟» دەپ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.
                      ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﯘلاﺳﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﯖﺒﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎدا ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن «ﺋﯩﻠﻐﺎر»ﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎزاﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ، ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰدە ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎراﺗﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﮔﺎﮬﻰ ﺋﯘﻧﻰ، ﮔﺎﮬﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎق - ﻛﯚك دەپ، ﻏﻪﻳﯟەت - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت، ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﻗﺸﺎﺷلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪزﻣﻪي ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪي ﺳﻮدا - ﺳﯧﺘﯩﻘﺘﺎ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎز - ﺗﻮلا ﭘﯘل ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺠﻪﺷﻠﯩﻚ، ﭘﯩلاﻧﻠﯩﻖ، ﺋﻮرۇﻧﻠﯘق ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﻤﺎي، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﯘزۇپ - ﭼﺎﭼﯩﻤﯩﺰ. ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧلا ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك، ﺋﯘلارﻏﺎ ﭘﯘل ﺧﻪﺟﻠﻪپ ﺑﻪرﻣﯩﺴﻪك ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪچ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﭘﯘل ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﭘﯘل ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮﻳلاﻧﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎراﺗﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﭼﺎﻣﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺴﯩﺰدەك، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ﺳﻪﻧﻪﻣﮕﻪ دەﺳﺴﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻏﻮرﯨﮕﯜل ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرﺳﻪﻛﻤﯘ ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎچ، ﺋﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﺷﯜﻛﺮى ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ رازى ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺟﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﭘﺮاﺗﻤﺎي، ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﮔﺮى ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺑﺎﻳﺎﺷﺎت ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈش ﺷﯧﺮﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺗﯘرﻣﯘش ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯘ - ﮬﻪ؟! ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜش، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ، ﺋﯚز - ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘدرەت ﺗﺎﭘﻘﯘزۇش دﯦﮕﻪن ﺋﻮي - ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪر ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪەك، ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﯚددﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎي، ﺗﯧﻨﻪپ - ﺗﻪﻣﺘﯩﺮەپ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ.
                        ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯘل ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪرت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪزﯨﻠﻪت، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﯨﻜﻪﻟﯩﺴﻪ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻜﻪ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ، ﺷﺎن - ﺷﻪرەﭘﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﺋﯚز ﺧﯩﺰﻣﯩﺖ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺗﯘرﻣﯘﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘق، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ زاﻣﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻖ، ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪاپ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎۋاﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧلارﻧﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ۋە ﮬﺎﻳﺎت ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘم. ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ﻳﺎﺷﺎش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪەك ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺋﻪﻣﻪس، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪت، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ. ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺗﯧﺰﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺴﯧﺮى رﯨﻘﺎﺑﻪت ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪۇ، رﯨﻘﺎﺑﻪت ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺴﯧﺮى ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﺳﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ، لاﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﮬﻠﻰ، ﻧﺎﺋﯘﺳﺘﺎ ﮬﯜﻧﻪرۋەﻧﻠﻪر ﮬﺎﻣﺎن ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪن ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪۇ.
                      ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚز زاﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ، ﺟﺎﮬﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎن. ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻤﻪس ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪاش روﮬﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪرﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯜﻣﯩﺪۋارﻟﯩﻘﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪردە ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻳﯘﻟﺘﯘزﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﺪا ﺟﯘش ﺋﯘرۇپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘل ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﺪﯨلا ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺧﯘﻣﺎرﻟﯩﻘﻰ، ﮬﯜﻧﻪر - ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﻰ، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻪﻣﮕﻪك ﺳﯚﻳﻪرﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯜﻳﯜك ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘر.
                      ﻣﯚﮬﺘﻪرەم ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪن، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ __ ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﻪردەم ۋە ﺑﻪرﻧﺎﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯚﻣﯜر دەرﯨﺨﯩﻨﻰ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯘرۇﻣﺎس ﺑﯘلاق؛ ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﯜﺷﻜﯜل ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪر، ﺋﺎزاب - ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﻪر، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺧﻮرﻟﯘﻗلار ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪەپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻛﯜچ؛ زۇﻟﻤﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻧﯘرﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺑﯩﮭﺎﻳﺎت؛ ﮬﺎﻟﺴﯩﺰلاﻧﻐﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎم - ﻣﻪدەت ﺑﻪرﮔﯜﭼﻰ ﺳﯘﻧﻤﺎس ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ؛ ﺗﺎﻏلارﻧﻰ ﺗﺎﻟﻘﺎن، ﭼﯚﻟﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎن ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭼﯩﺪام، ﻏﻪﻳﺮەت ۋە ﺋﯩﺮادە. ﻳﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺗﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻘﻰ ۋە ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪررەر ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﻏﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ - ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﺮﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮ دەﻗﯩﻘﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯩﻨﺴﺎن روﮬﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛلاپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﯕﺪاﺷﺴﯩﺰ روھ. ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق روﮬﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردۇر. ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ، ﺳﯩﺰ «ﻣﻪﻧﺪە ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﯕﺪاﺷﺴﯩﺰ روھ ﺑﺎر، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﻏﺎﻟﯩﺒلاردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ﺋﯚزۈﻣﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار ۋە ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪت ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈپ، ﺋﯚزۈم ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلار رازى ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﻳﺎﺷﺎپ، ﺋﯚﻣﯜر ﮔﯜﻟﯜﻣﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪۇرۇپ ﺧﯘﺷﭙﯘراق ﭼﺎﭼﻘﯘزﯨﻤﻪن» دەپ، ﺋﯩﺮادە ﺗﯩﻜﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺋﻮﻳلاپ ﻛﯚردﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺴﯩﺰ؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﭽﻰ؟

    分享到: