• ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ

    2010-06-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66035321.html

    ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ
    ( ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻝ)

    ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﮔﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﻯ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﺪﻩ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮلنىڭ ﻣﯘﺷﯘ «ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ» ناملىق كىتاۋىنى ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ . ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻝ ﻓﯩﻠﯩﭙﯩﻨﻠﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﮔﻮﻳﺴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﮔﻮﻳﺴﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯔ «ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ» ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . 24 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻮﻳﺴﺎﺭ ﻓﯩﻠﯩﭙﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻟﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ 17 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﺠﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
    1. ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯔ .
    2. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯓ .
    3. ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﯔ .
    4. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﯓ .
    5. ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﯔ .
    6. ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯓ .
    7. ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﺎﻏﻼﯓ .
    8. ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯓ .
    9. ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯘﯓ .
    10. ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﺎﻗﻼﯓ .
    11. ﺯﯦﻬﻨﻰ ﻛﯜﭼﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﯓ .
    12. ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﯓ .
    13. ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯔ .
    14. ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﺎﻗﻼﯓ .
    15. ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﯓ ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ،
    ﭘﯘﻝ ﺗﯩﭙﯩﯔ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺧﻪﺟﻠﻪﯓ .
    16. ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﺳﺮﺍﯓ .
    17. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯓ .

    ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ 17 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻟﻨﯩﯔ
    «ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ
    ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ .
    ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﺴﻴﺎﺗﻰ، ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ
    ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ - ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﻗﺎﺗﻤﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ
    ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯗﺭ .
    ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﺷﻨﻰ ، ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ،
    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ .

    ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ ؛
    ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯕﻼﺭ ؛
    ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ«ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ» ﻧﻰ
    ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﯕﻼﺭ .

    1. ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯔ .

    <1> ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﻰ ﻫﺎﻟﻪﺕ « PMA "Positive Mental Attitude" ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ» .
    ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ . ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ
    ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ، ﺧﯩﺮﯨﺲ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭﻟﯩﻖ
    ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺴﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯩﻠﯩﻘﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ
    ﺑﺎﺭ . ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎ، ﺋﻮﯕﺎﻳﻼ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ. «ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ . ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭼﯩﻜﯩﻨﻪﻱ» ﺩﻩﭖ
    ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﻫﺎﯕﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ
    ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ «ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ!» «ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ!» ﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ
    ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﭼﺎﺭﻩ ﺗﯧﭙﯩﭗ ، ﺗﺎﻛﻰ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯗ.
    <2> ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺗﻤﺎﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﯔ.
    ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻠﯩﺸﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ
    ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺧﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ، ﺳﯩﺰﺩﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻴﺎﻻﻳﻤﻪﻥ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ
    ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ
    ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯩﯖﺰ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ
    ﻛﯜﭼﻪﻳﯩﺘﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ.
    ﺑﯘﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻻ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﯩﺰﻧﻰ
    ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    <3> ﺳﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻣﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ .
    <4> ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﺭﮔﺨﺰ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﯓ .
    ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ - ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻣﯘﻧﺎﺭﻯ. ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ، ﻣﻪﻫﻜﯘﻣﻠﯘﻕ ﯞﻩ
    ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ . ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ، ﻫﯚﺭﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ
    ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ !
    ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﺩﯦﻠﻐﯘﻟﻠﯘﻕ،ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
    ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﺋﯜﻣﯩﺪﻧﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
    <5> ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ؟
    ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ، ﻫﺎﻝ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.
    ﺳﯚﺯ-ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰ ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﻫﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ.
    ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﻮﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﯓ.
    ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻫﯧﺴﻴﺎﺕ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺸﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯔ.
    ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ - ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ
    ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
    ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﻩ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﯓ.
    ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻨﯩﯟﯨﻠﯩﯔ.
    ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﯔ.
    ﻫﻪﺭﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺋﯩﺰﺩﻩﯓ.
    ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ - ﭼﯜﺷﺸﻪﯓ ﺋﯩﺸﻼﺩﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﯔ .
    ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯓ.
    ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯓ.
    ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺭﻭﻫ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯓ.
    ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯔ. )ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ . ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ(

    ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 6 ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﻠﻪﺭ
    ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
    1. ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ
    2.ﺗﻪﻧﻘﯩﺘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ
    3.ﻛﯧﺴﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ
    4.ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ
    5.ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ
    6. ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ
    ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺴﺎ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ
    ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

    2. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯓ .
    ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯜﭺ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯩﺸﺎﻧﺴﯩﺰ ﺳﻪﺭﺳﺎﻧﻠﯩﻖ
    ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺒﺎﻫﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﺎﻥ ﻗﺎﺯﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﯓ -
    ﺗﻮﺯﺍﻧﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
    1. ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
    ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ .
    (1) ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ، ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    (2) ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ .
    ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ
    ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ .
    ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﺰﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﯜﭼﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﯩﭙﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﻡ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ .
    ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻥ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
    10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﻨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﯖﯩﺰ ، 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻧﯩﯖﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ :

    10ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ :
    (1 ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻤﻪﻥ؟
    (2 ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ؟
    (3 ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﻮﻗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ؟
    (4 ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ؟

    10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ :
    (1 ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻤﻪﻥ؟
    (2 ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ؟
    (3 ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ؟
    (4 ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ؟

    10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ :
    (1 ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
    (2 ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻤﻪﻥ؟
    (3 ﺋﺎﺷﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ؟
    (4 ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻤﻪﻥ؟

    (3) ﻧﯩﺸﺎﻥ ـــ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﻝ ﺗﯧﺸﻰ.
    <1> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
    <2> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﭼﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
    <3> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.
    <4> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ.
    <5> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
    <6> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
    <7> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﭘﯩﻼﻥ ﺗﯜﺯﯛﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
    <8> ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ
    ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

    2. ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﺎﻟﻼﺵ
    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺵ ﭼﯚﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﭗ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ
    ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﻮﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﻪﻙ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
    ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﻡ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ،
    ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ .

    (1) ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﻪﻡ ﻳﻪﭖ
    ﺗﯜﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯩﺴﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ
    ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ
    ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺗﻮﻕ .

    (2) ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﯞﯨﺮﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺗﺎﻻﻧﯩﺖ ، ﺳﻪﯞﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ
    ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ ، ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﺘﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﻩﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ،
    ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ .
    ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ
    ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    (3) ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﺭﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﻜﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﻫﻪﺭﻛﯜﻧﻰ 10 ﺳﯚﺯﻧﻰ
    ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﺵ ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ، ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﻟﭙﻨﻰ
    ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

    (4) ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ
    ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.

    (5) ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ .
    ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻛﯜﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﯔ .
    ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ، ﺋﻪﯓ ﻳﯩﻘﯩﻨﻘﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﺯ ﻳﯜﮔﻪﯛﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﻘﯩﯔ.

    3. ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ
    ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ، ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻜﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯩﺸﺎﻥ
    ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ، ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ .
    (1) ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯓ.
    (2) ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻨﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﯓ .
    (3) ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﯩﻲ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ ، ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ
    ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﯓ .
    <1> ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻘﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    <2> ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ .
    <3> ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،
    ﺑﻪﻟﯩﻜﻰ ﺭﯦﺌﺎﻝ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    <4> ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻘﻪﺩﻩﺭ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻫﻪﻡ ﻗﻪﺭﻩﻟﻰ
    ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
    (4) ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﯔ .
    (5) ﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﺎﻫﺎﻻﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ .
    (6) ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﺗﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﻪﯓ .

    4. ﺷﻪﺧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﯘﺗﺸﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ
    ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ، ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ
    ﭼﺎﻏﻼﯞﻩﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ،
    ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .
    (1) ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ .
    ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﯔ .
    ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﺑﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ
    ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ - ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ .
    ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﻎ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﯓ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯓ.
    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﯔ .
    ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ.
    ﭘﯩﻼﻧﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ .
    ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ،
    ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻛﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﻣﯘﻫﯩﺘﻘﺎ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ،
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ، ﺑﯩﻠﯩﯖﺰﻧﻰ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﺎﻏﻼﭖ ، ﭘﯩﻼﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ
    ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯔ .
    (2) ﭘﯩﻼﻧﯩﯖﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯔ .
    ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯩﻚ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﯔ. ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ
    ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ :
    (1 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟
    (2 ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﭽﯩﺴﯩﺰ؟
    (3 ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﺴﯩﺰ؟
    ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯔ .
    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﯔ.
    ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ
    ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ-ﺩﻩ ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ، ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ،
    ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻳﺴﯩﺰ .
    ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻫﺎﻻﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﺰﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ - ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﻳﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯓ ،
    ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﻩﯕﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯨﻠﯩﯔ.

    5. ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﻗﻪﺩﻩﻡ - ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ
    ﺋﻪﻱ! ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ، ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻛﯧﺴﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻛﯧﺴﯩﯔ، ﺳﯘ
    ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯔ، ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯓ، ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ
    ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﯔ!
    (1) ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺩﯨﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﭘﯜﻛﯜﯞﯨﻠﯩﯔ!
    (2) ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﭼﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    (3) 30 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ

    ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ 30 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯔ:
    1. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻤﻪﻥ
    ﺳﯚﺭﻩﻟﻤﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﺸﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﮔﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ.
    ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ، ﺑﻪﺯﻩﭖ ﺳﯚﺯ - ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ .
    ﺗﯩﻠﯟﯨﺰﻭﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ .
    ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺳﯩﻠﯩﺶ.

    2. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ
    ﻫﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯩﻘﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻗﻰ- ﺗﯘﺭﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ .
    ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﭘﯩﻼﻧﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ.
    ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻣﺎﺧﺘﺎﺵ.

    3. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﻤﻪﻥ
    ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﻤﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﯨﻨﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺰﯨﺶ.
    ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ، ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ
    ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺵ.
    ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ 3 ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺶ.

    4. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻧﯘﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻤﻪﻥ
    ﺋﺎﻳﺎﻝ )ﺋﻪﺭ( ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﯩﺪﻩﻙ ﺷﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ
    ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ.
    ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ.ﻫﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ
    ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺷﺎﻝ - ﺧﯘﺭﺍﻡ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ.

    5. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯩﺠﻪﺯ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ
    ﻫﻪﺭﻛﯜﻧﻰ 2 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﺵ .
    ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ .
    ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ .

    ﺗﯘﻧﺠﻰ «30 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ» ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﯔ !
    ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﯔ! ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺴﯩﯖﯩﺰ ،
    ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ.
            

    3. ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﯔ .

    ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﺎ
    ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

    1. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ
    ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﻘﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ
    ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﭽﺎﻥ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ،
    ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻟﯜﺵ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯨﻨﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
    ﻧﺎﭘﻮﻟﯩﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻝ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ: ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﯩﺪﯨﻐﺎﻥ«ﺑﺎﺷﻘﺎ
    ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ» ﻧﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ
    ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺳﻪﯞﻩﭖ
    ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .

    2. ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ
    ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯧﻐﯩﻞ - ﺗﺎﺷﺘﯩﻦ
    ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺟﻪﯞﺭﺍﺋﯩﻞ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ
    ﺗﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﻛﻤﯘ، ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ .

    (1) ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺵ
    ﻧﺎﭘﻮﻟﯩﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻝ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ. ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮔﯜﺯﻩﻝ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ
    ﺋﯘ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ، ﺋﯘ ﻏﯩﭙﭙﯩﺪﻩ ﻳﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻟﻼ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻏﯩﭙﭙﯩﺪﻩ
    ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺳﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ، ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ، ﺋﯘ ﺷﯘ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ
    ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
    (2) ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﻧﺎﻟﯩﻖ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ.
    ﺳﻮﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﺘﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ
    ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﺷﯘ.

    3. ﭘﻪﻳﺘﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪﺵ ، ﻛﻪﻣﻨﯩﯔ ﭘﯧﻴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ
    ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ - ﭘﻪﻳﯩﺘﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪﺵ، ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﻪﻣﻨﯩﯔ ﭘﯧﻴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
    ﻧﺎﭘﻮﻟﯩﺌﻮﻥ ﺧﯧﺌﻮﻝ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻮﻻ ، ﮔﻪﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ - ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﺪﺍ ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ
    ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﺸﯩﺪﯗ.
    ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻮﻻ، ﮔﻪﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ - ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﺪﺍ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
    ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭘﺎﻳﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ، «ﭘﻪﻣﻠﻪﺵ» ﻛﻪ ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺶ ﺗﯘﺗﯘﺵ ، ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ .

    4. ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ
    ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺷﻤﯩﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯜﮔﯜﻥ ؛
    ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺷﻤﯩﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯜﮔﯜﻥ ؛
    ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻡ ﻫﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯜﮔﯜﻥ ؛
    ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺭﯦﻜﻮﺗﻨﻰ ﺑﯘﺯﻣﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯜﮔﯜﻥ؛

    (1) ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ
    ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﺸﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻫﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ
    ﭼﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻫﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﺴﯩﯖﯩﺰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﯞﻩ
    ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺶ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
    (2) ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺭﯨﻘﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ
    ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ xx ﺗﻪﻙ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ؟
    (3) ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

    5. ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ
    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ . ﺷﻪﺭﺕ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻧﺪﺍ
    ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﻛﯜﻛﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ .

    (1) ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
    (2) ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
    (3) ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    «ﺷﻪﺭﺕ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﺗﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺸﺘﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ
    ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ :
    ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﺵ
    ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ
    ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺗﯘﺗﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ
    (4) ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺪﯗ
    (5) ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ
    (6) ﺑﯩﺮﯨﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ
    (7) ﺯﯦﻬﯩﻦ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ
    (8) ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ

    ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ:
    <1> ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ؛
    ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ .
    <2> ﺷﻪﺭﺕ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ . ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﺶ
    ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻫﻪﻝ
    ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ .
    <3> ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﯘﯞﺍﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    <4> ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺶ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ، ﺋﯩﺴﻪﻧﭽﻨﻰ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻧﯧﻤﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،
    ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﺰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ .
    <5> ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﯓ ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﯓ.
    ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺭﻭﻫﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ .
    <6> «ﻫﺎﺯﯨﺮﻻ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﯓ، «ﺋﻪﺗﻪ» ، «ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﻪ» ، «ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ»ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ
    ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ «ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﺍﺵ . «ﻫﺎﺯﯨﺮﻻ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
    <7> ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯔ . ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻱ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ .
    <8> ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭ ، ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﯓ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ
    ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﯓ . ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺧﯩﺰﻧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﯔ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ
    ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯔ .
    ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﯔ!

    分享到: