• ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﯖﻰ

    2010-06-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66284037.html

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ئاپتۇنۇم رايۇنىدا يولغا قۇيۇۋاتقان، ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ سىياسەتكە ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺭﭖ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.

    ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﯞﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﺍﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻻﻳﺪﯗ ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ، ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰﻛﯧﺮﻩﻙ ؟، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ؟، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ؟ ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻥ: ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﺪﯗﺭ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﻨﯩﻤﯘﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﯧﺲ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﺴﯩﺰ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﯩﺮﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﺴﯩﻼﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯩﻠﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ، ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯﻛﯜﭼﺘﯘﺭ. ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪﺯﯨﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ، ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﯓ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻳﺪﯗ: ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ. ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﺭﭖ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﻳﻐﯘ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﻳﻐﯘﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﺭﻣﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﻪﺷﯩﻨﻰﻛﯧﺴﯩﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺩﯨﻨﺪﺍﺭﻟﯩﻖ، ﺩﯨﻨﺪﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺰ ﻫﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﭼﺘﯘﺭ.ﺋﺎﺯﺍﺕﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ: ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺗﯧﻨﺪﯦﻨﺴﯩﻴﻪ ( ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ) ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﯩﺪﯗﺭ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﻗﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭ ﻣﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﺩﯗﺭ، ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﻫ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻐﺎﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ، ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﻰ 21 ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢyt ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﻮﺯ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﯕﻨﯩﯔﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﺎﺗﻘﺎﻥ، ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﻣﯩﻞ __ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯜﮔﯜﻥﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭺ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﻫﺘﯘﺭ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ.  ﺋﺎﺯﺍﺕﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﻫﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ. ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﻫﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﻫﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. `ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ 2 ﺩﯗﻧﻴﺎﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺧﺎﺭﺍﺏ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﻰﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﻧﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.

    分享到:

    历史上的今天: