• ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ

    2010-06-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66481535.html

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ- ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ.
    ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ- ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ، ﺋﯩﺰﮔﯜ ﺋﯩﺴﺘﻪﻙ ﯞﻩ مۇﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﻪﻝ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﭼﯩﺴﻰ.
    ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ- ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ، ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺗﻨﻰ، ﮬﺎﻻﻛﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ، ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﯚﺭﻟﯜﻛﻨﻰ، ﻏﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻨﻰ، ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺪﺍﺭ ﺷﻪﻳﺌﻰ!
    ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ- ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺳﻪﺗﮭﯩﺪﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻜﯩﻨﺰﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺳﺎﻳﻴﺎﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯧﺘﯩﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﻣﯩﺘﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ- ﺑﻪﺧﺖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻛﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪﭖ، ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ، ﺗﻪﺭﺳﺎﻻﺭﭼﻪ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺑﻪﺧﺖ، ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﻪﺧﺖ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﺪﺍ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺧﺖ ﺑﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺖ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﺩﯦﻠﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﺷﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺋﺎﺑﺴﺘﺮﺍﻛﺖ ﺑﻪﺧﺖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯟﻩ!
    ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ- ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﻗﺎﺑﺎﮬﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯓ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﻪﮬﯟﻯ، ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ! ﺋﯘ ﺳﺎﺧﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﭘﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ﺯﻩﻛﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﻣﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺧﯘﺩﺑﯩﻦ! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻛﺮﯦﺴﺖ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﻐﺎ ﻣﯩﺨﻼﻧﻐﺎﻥ.

    ﺩﻩﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﮕﻪﻥ، ﺋﯘ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﻰ، ﮬﺎﻛﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﮬﻜﯜﻡ، ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ ﯞﻩ ﺯﻩﺑﯘﻧﻠﯘﻕ ﺯﺍﻻﻟﯩﺘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺖ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﻮﻗﯘﻕ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯ- ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ، ﻳﺎﻟﻼﻧﻤﺎ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻰ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ بوﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯜﭼﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻏﻰ ﺋﯧﺮﻩﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﺩﺍﻣﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﮬﺎﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻧﯘﮪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﭘﺎﻥ، ﺳﺎﻟﯩﮫ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ، ﻟﯘﺕ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ، ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺐ ﺗﺎﺝ- ﭘﺎﮔﻮﻧﻼﺭ، ﻏﻪﻟﺘﻪ ﻏﺎﺩﯨﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺗﮕﯘﻳﻠﯘﻗﻼﺭ، ﺭﻩﯕﻤﯘ ﺭﻩﯓ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﺧﺘﺎﭘﻪﺯﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﺎﻟﯩﻘﻤﯘ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺗﻪﻛﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻢ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.  ﻣﻪﻟﯜﻡ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺗﯩﺮﯗﻳﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯ- ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ "ﺋﯩﻠﯩﻨﺎ" ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﺗﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﯩﺪﻩﻙ ﻳﯧﭙﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺯﻩﭘﻪﺭ- ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﺧﺎﯞﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﻻﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. اللاﮫ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺯﻩﭘﻪﺭ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﺝ- ﭘﺎﮔﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻣﻪﺑﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. "ﺋﯘﻟﯘﻍ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﮬﻤﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺗﯩﺘﯩﺮﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻍ، ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ، ﮔﯚﻟﺪﯛﺭﻣﺎﻣﺎ، ﭼﺎﻗﻤﺎﻕﯞﻩ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﻳﻤﺎﻝ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ "ﺋﯘﻟﯘﻍ" ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.  ﻳﺎﯞﯗﺯ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﺎﺭﯨﺦ "ﺋﯘﻟﯘﻍ" ﻟﯘﻕ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﺐ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ! ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﻰ ﻟﯩﻨﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻨﭙﯩﺮﮔﯩﭽﻪ، ﺩﻩﺷﺘﻰ ﻗﯩﭽﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻪﻡ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﯩﭽﻪ ﻛﻪﯓ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻟﭙﻪﺭ ﻣﺎﺗﺎﺩﻩﻙ ﺑﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺭﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﺯﯨﻢ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺭﻭﺱ ﻛﯧﻨﻪﺯﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺧﻪﻟﯩﭙﻠﯩﻜﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﺑﺪﻩﺑﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﮬﻤﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﺗﻜﻪﻥ. ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻚ "ﺋﯘﻟﯘﻍ" ﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﻻﻱ ﺑﯘﺗﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﺩﻩﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ "ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ" ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻟﺠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. !
    ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕــــ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ- ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﺶ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻦ- ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺪﻭﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ! ﺋﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ- ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻧﻮﻗﯘﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺒﯩﺮﻟﯩﻚ ﺩﻩﺑﺪﻩﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﭼﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.  ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕـــ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯧﺰﯨﺘﻘﯘﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﮬﯩﻴﻠﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ، ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ، ﻣﯘﻏﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻤﯘ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ، ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﯩﺪﯨﻤﯘ، ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺳﺎﻻﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺗﻪﺭﯨﺰﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ! ﺋﯘ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻪﻗﯩﻞ" ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ "ﺋﻪﻗﯩﻞ"ـــ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯚﻛﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﻟﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘ ﺭﻩﻳﮭﺎﻥ ﺑﺮﻭﻧﯩﻨﯩﯔ: "ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﯩﻠﯩﻘﺘﯘﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﭼﯩﯟﻩﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ.!
    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ! ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ- ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ، ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘھىيىتىنى ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ، ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﯞﻩﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻳﺪﯗﺭﻣﯩﻐﯘﭼﻪ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ، ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮬﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮬﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﯞﻩ "ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮬﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺸﻰ" (ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ﺳﯚﺯﻯ) ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﯘﻝ- ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ، ﻗﻮﺭﺍﻝ- ﻳﺎﺭﺍﻍ، ﮬﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﻧﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﯨﻤﻪﻱ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺧﺖ- ﺳﺎﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﻣﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﻮﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.


    ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ "ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺩﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ" (ﻛﻮﯕﺰﻯ) ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ- ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﺷﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﻳﻪﺭ، ﺳﯘ، ﮬﺎﯞﺍ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﮬﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻧﻪﺳﻠﻰ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﻨﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ- ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺴﻨﻰ ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯗﻗﯩﺪﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﯞﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ "ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ" ﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻜﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ- ﻳﻪﺭ، ﺳﯘ، ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ- ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﺟﯩﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.


    ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ: ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻯ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﻻﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻪﻟﯩﭗ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ، ﺩﻩﻳﺪﯗ. «ﺋﻪﻧﻪﻟﮭﻪﻕ» ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺟﯘﯞﺍﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻼﮪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺩﻩﻝ ﺭﯨﺌﺎﻝ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻳﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.
    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﯓ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ( ﻓﯧﺮﻭﺋﯩﺪﭼﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ) ﺋﯜﭺ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ، ﻧﻪﭘﺴﻰ، ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﺎﯓ، ﺑﯘ (ﺋﺎﺕ ﺑﻮﻏﯘﺯﻯ) ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺋﺎﯓ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭ، ﭘﻪﻥ- ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍﻟﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ (ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻰ) ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯧﯖﻰ، ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ- ﺋﯚﺯﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﻪﻟﯩﺐ ﺋﯧﯖﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ "ﺋﺎﺭﯨﻔﻠﯩﻖ" (ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻖ) ﺋﯧﯖﻰ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺋﺎﯓ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻔﻠﯩﻖ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﺰﻣﭽﻰ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻻﺭﺩﯨﻼ ﺯﺍﮬﯩﺮ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﯓ ﻣﺎﻧﯩﺰﻡ، ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ، ﺳﻮﭘﯩﺰﻡ، ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﭗ  ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ ﻣﺎﻳﺘﯩﺮﻯ ﺑﯘﺭﮬﺎﻥ، ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻣﻪﮬﺪﻯﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻴﺴﺎﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ 3 ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ "ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ" ﺋﺎﺭﯨﻒ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰ "ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ" ﺗﻮﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ، ﺧﺎﻻﺱ.
    ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ، ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ (ﺋﺎﺭﯨﻒ) ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﻪﻣﻤﺎﺳﻰ.

    分享到: