• مائاشلىقلار ئويلۇشۇپ كۆرسە بولىدىغان ئون تۈرلۈك مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى

    2010-06-22

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66789588.html

     ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 10 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:

        ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ. ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ - ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯘﺳﯘﻝ، ﺋﻪﯓ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ - ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

     

     

        ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﻰ. ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯗﺭ. ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﯞﻩﭖ - ﺧﻪﺗﻪﺭ ﻗﻮﺷﻜﯧﺰﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﭘﺎﻳﻐﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

     

     

       ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺋﯚﻱ - ﺯﯦﻤﯩﻦ. ﺑﯘ، ﺋﯚﻱ - ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺯﻭﺭ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﯞﺍﻗﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

     

     

       ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺯﺍﻳﻮﻡ. ﭘﺎﻳﻐﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺯﺍﻳﻮﻣﻐﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ، ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻰ ﻛﯚﭖ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ.

     

     

       ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺗﻘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻣﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﺍﺷﻼﭖ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺗﻘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻟﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﺯﯨﮭﻨﻰ ﻛﯜﭺ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

     

     

        ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ، ﮬﯚﺳﻨﯩﺨﻪﺕ، ﺭﻩﺳﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻙ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ. ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺧﻪﺗﺘﺎﺕ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ - ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﺩﯗﺭ.

     

     

       ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮬﯚﺳﻨﯩﺨﻪﺕ، ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﻝ ﺗﻪﺱ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﮬﯚﺳﻨﯩﺨﻪﺕ، ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻣﯘ ﮬﯚﺳﻨﯩﺨﻪﺕ، ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

     

     

       ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ، ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭﺩﯨﻦ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯧﻠﯩﭗ - ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

     

     

       ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ، ﺋﯜﻧﭽﻪ - ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺖ. ﺋﯘﻧﭽﻪ - ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﻘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻟﻤﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺧﺘﻪﻙ ﺳﻮﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯜﻧﭽﻪ - ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﻧﭽﻪ - ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﻨﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻯ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

     

     

       ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ، ﻻﺗﺎﺭﯨﻴﻪ. ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻻﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺑﯧﻴﯩﭙﻤﯘ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻻﺗﺎﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ.

     

     

       ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ، ﭘﯘﻟﻴﯩﻐﯩﺶ. ﭘﯘﻝ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﭘﯘﻝ، ﺗﻪﯕﮕﻪ ﭘﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ - ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﺒﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺗﻪﺱ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺯﯦﮭﻨﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ.

    分享到: