• ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ؟

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67101513.html

    ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ؟

    ;ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ” ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ “،” ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ ” ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺵ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .
    ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﺎﺕ -ﺗﯜﮔﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﯘﻟﻰ ﺋﯧﭽﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ .
    ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﯩﺘﺴﺎﻕ ” ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮔﺎﮬ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﮔﺎﮬ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﺳﯩﻤﺎﻥ ﮬﺎﻟﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ “. ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺗﻪﺑﺌﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ -ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯩﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ، ﺑﯩﻜﯩﻨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﮔﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﯩﯖﯩﻼﻧﻤﺎﻱ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 49 -ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻡ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻨﯩﺸﻰ ﺧﺎﻻﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
    ﻣﯩﻼﺩﻯ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ “ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ” ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺟﺎﮬﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ” ﻳﯜﺯ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ” ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ، ﺧﯧﻤﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻠﻼﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﺳﯧﺮﯨﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺳﯧﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﯘﺟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻧﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﻕ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
    ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﯘﺟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﻯ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻧﯩﭙﯩﺰ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺧﯘﺗﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﯩﺘﻠﻪﺭ ﺷﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﮬﯩﻠﻪ -ﻣﯩﻜﯩﺮ ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻘﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﯞﻩ ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻨﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﯞﻩ ﺋﯩﻼﮬﻨﯩﯔ ﯞﻩﮬﯩﻴﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ . ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ” ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯘﺷﻘﯩﻘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻛﯩﺮﻩﻛﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻤﯘ ” ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺩﯨﻨﻨﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
    ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ” ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﺩﺍﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺸﻰ ، ﻏﻪﺭﯨﺒﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ، ﻳﯜﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ” ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ .
    ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ، ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
    ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﮔﻪﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ .

    ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺗﺎ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﯞﻩ ﮔﯘﺭﯗﮬ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﯨﺞ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻣﺸﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻳﻪﭖ ﻻﻟﻤﺎ ﺋﯩﺖ ﻛﻪﺑﻰ ﺧﻮﺭﺟﯘﻥ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ” ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ” ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﯧﺨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﺎﺗﺎﻟﯩﺰﺍﺗﯘﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ، ﺧﯘﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ، ﺋﺎﻗﺴﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﺪﻯ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻨﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯜﺗﯜﺭﻟﯜﭖ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺮﯨﺶ ، ﺳﺎﭘﺎ ، ﻧﯘﭘﯘﺱ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﻰ . ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻍ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﻍ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﯘﻗﯘﻕ ، ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ، ﻧﯩﻜﺎﮬ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﯩﺪﻩﻝ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ “ﺋﯩﺴﻼﻡ ” ﮔﯘﺭﻭﮬﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪ ﮬﯜﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﯓ ﺯﯨﯖﺸﯩﻦ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﻮﻟﻤﯩﻨﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ .
    ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗ ﺳﻪﻣﻪﺗﻮﻑ :” ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻻﺯﯨﻢ ﺩﻩﺭﯨﺠﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ؟ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﺮﻻ ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﭼﯘﻕ ،ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰﺍ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ ، ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﻳﻤﯩﺰ ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ! ﻛﯩﻢ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻗﯘﺷﯩﺪﯗ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻗﯘﺷﯩﺪﯗ ، ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯘﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ ” ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﺩﻯ .
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺳﺎﺗﻘﯩﻦ – ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ – ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﻳﺘﺎ – ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﭖ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺵ ﺋﯧﯖﻰ ، ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺋﯧﯖﻰ ، ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯘﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ، ﻛﯩﻢ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻣﯘ ” ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺩﯨﻨﻨﻲ ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﭖ -ﺋﯘﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ” ﺩﻩﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
    ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺳﺎﺗﻘﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﺎﺋﯩﻨﻐﺎ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺩﻩﺳﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻕ -ﻗﺎﺭﯨﻨﻰ ﻏﯘﯞﺍ ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺯﯨﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ – ﺗﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﯨﮕﻨﯩﭽﻪ ﺟﻪﻳﻨﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻠﺪﻯ ، ﻳﯧﻘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ، ﻣﻪﻣﺘﯧﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﻩﻙ ﺋﻪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺟﺎﺩﯗﻏﺎ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻳﺪﻯ .
    ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ، ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ . ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﭽﻰ ﺯﯛﺭﯛﺯﺭ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ، ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
    ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﻳﻠﻰ . ﺑﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯜﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯩﻜﯩﺶ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ، ﻏﯘﺭﯗﺭ ، ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ ، ﺯﻩﮬﻪﺭﺩﻩﻙ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ . ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﻎ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ . ﻣﻪﺳﻠﻪ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ؟ ﻳﺎﻕ ، ﺋﯚﺯ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯩﺘﯩﯟﻩﺭﺩﻯ . ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ؟
    ﺧﻮﺵ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ . ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺗﯧﻠﯩﯟﯗﺯﯨﻴﻪ ﺋﯩﯩﺴﺘﺎﻧﺴﻰ ” ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﺷﻰ ” ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯧﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﯨﻞ-ﺯﯨﻠﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ . ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﭼﯩﯖﺨﯘﺍ ﺩﺍﺷﯚﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ GDP ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . ﺳﯩﻨﮕﺎﭘﻮﺭ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﮔﯩﺰﯨﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﮬﻪﺭﺑﻰ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،GDP ﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﯜﺳﯜﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﻨﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺳﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ – ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﭗ ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻣﯘﻣﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﺍ ، ﺳﺎﭘﺎﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ، ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ .
    ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰ以人为本,建立和谐社会 ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺵ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺑﯚﻟﮕﯜﭺ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ . ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﭙﻼ ﻗﯘﻳﯘﺵ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯘﺯﯗﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ.
    ﺑﯩﺰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﺎﭘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻧﺨﯘﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﯞﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﺖ ﻳﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﯘﮔﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻱ ﺑﯧﺸﻰ ﻳﯘﻏﯩﻨﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﯨﺖ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﯞﺗﻪﻱ ﮬﺎﺭﯨﻘﻰ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﯗﺭﺍ -ﺋﯘﻛﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺯ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﻰ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ . ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ؟ ﺳﺎﭘﺎ ﺗﯜﯞﻩﻥ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯚﺯ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﯗﯞﻛﺎﺕ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻛﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﯨﺪﻯ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺯﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ، ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯚﺭﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﺋﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﺎﺗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﺵ ، ﻳﯩﻤﻪﻙ -ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﻰ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﺗﻮﻱ ، ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﭖ -ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﻯ -ﻳﯘﺳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.
    ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﻳﻮﻕ ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﻰ ﻳﻮﻕ ، ﺋﻮﻏﺮﻯ -ﺑﯘﻻﯕﭽﻰ ، ﻗﺎﺗﯩﻞ ﭘﺎﮬﯩﺸﯟﺍﺯ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ، ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ، ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﻨﻰ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ، ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﯘ 0 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ -ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ . ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ .

    ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﭖ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﭘﺎﺭﺍﺧﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻮﻏﯘﺭﻻﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﮭﯩﺮ -ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﻛﺎﯓ ﻳﯘﯞﯦﻲ ﻻﺭ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯜﭼﯜﺵ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺷﺘﯩﻦ ﺳﻪﻝ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﭺ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﻳﯘﺩﯗﭖ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﻪﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﺪﯨﻦ ﻓﯘﺯﻯ ﻳﯜﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺳﯜﻥ ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
    ﻣﯩﻴﺠﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯜﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻨﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﻛﻠﯜﻙ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﻴﻮﻏﯘﻟﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ . ﮬﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ، ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﻓﯘﺯﻯ ﻳﯜﺟﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ ، ﭘﯜﯞﻟﯩﺴﻪ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭼﯘﻗﯘﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﭼﯘﻗﯘﻧﻐﺎﻥ ﻛﻮﯕﺰﻯ – ﻣﯩﯖﺰﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻨﻰ ﺟﺎﻥ -ﺟﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻛﺘﻰ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ脱亚论 ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﻜﻰ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ .
    ﺑﯩﺰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺰ ، ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺑﯘﺭﮊﺍﺯﯨﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ، ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ، ﻏﻪﺭﯨﭙﭙﻪﺭﻩﺱ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﯛﺗﻜﯩﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﯘﺯﻯ ﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯧﻐﺰﯨﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﺎﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ، ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

    ﻛﺎﯓ ﻳﯘﯞﯨﻴﻼﺭ “ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﺎﻥ ﺗﯜﻛﯜﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﭖ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ” ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺟﺎﺯﺍ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯩﯖﯩﭙﻤﯘ ، ﺗﯘﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖ ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﭘﺎﺭﺧﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﯜﻟﯜﻣﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻛﯩﻨﯩﭗ ﻏﻪﺭﯨﭙﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﻤﯘ ﺗﺎﻛﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﯩﭽﻪ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﯩﺪﻯ ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﮔﯩﻼﺳﺘﯘﻙ ﺗﺎﻗﺎﭖ ، ﻛﺎﺳﺘﯩﻴﯘﻡ -ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﺎ ، ﭘﻪﻟﺘﯘ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻓﯩﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺷﯩﻠﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯟﯦﻠﯩﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﻪﭖ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ ﺋﻪﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻼﺷﺘﻰ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﯚﺕ ﻛﯘﭼﯩﺪﺍ ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯜﻳﻪﻟﯩﺪﻯ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ .
    21 -ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻼﺭ ﺑﯘﯞﺍﻗﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﯕﻤﯩﺴﺎ ﻳﯜﻟﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯩﯟﻩ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺳﯜﻛﯜﭖ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺋﻮﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ، ﺟﺎﻻﭘﻨﯩﯔ ، ﮬﻪﺯﯨﻠﻪﻛﻨﯩﯔ ، ﺋﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﯩﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺳﯜﻳﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﭼﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﻩﺗﺴﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ، ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯚﻟﯩﻤﯩﺴﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﯛﭖ -ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ؟ ﻳﺎﻕ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ، ﺳﺎﭘﺎﺩﺍ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ .

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﺍ -ﺑﺎﺭﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻢ ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻝ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯘﻗﯩﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ، ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯜﺯﯛﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ، ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﯨﻤﯩﺰ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ …….ﺩﻩﭘﻼ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﮔﯘﻧﺎﮬﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﻘﯩﻼ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺴﯩﭗ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ .

    ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻗﻤﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ، ﻧﯩﻤﯩﺲ ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯﻣﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺪﻯ ، ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﻯ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﻮﺭﯗﻝ ﻗﯩﻼﻟﯩﺪﻯ ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﺩﯗ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﺮﯨﺘﻘﻰ ﻛﯜﭺ ﻳﻮﻕ ، ﺋﯘ ﻗﯘﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﻳﻮﻕ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼ ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ، ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﻛﻮﻻﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﺷﺎﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﻧﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ؟ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﻤﯩﺰ . ﺳﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﭺ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ؟ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﻕ . ﺑﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﻛﻪﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺯﻭﺭﺩﯗﻧﻜﺎﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﺰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﻪﻳﻠﻰ …..
    ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ -ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺶ ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ، ﮬﺎﺭﺍﻗﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﺎﻣﯩﻞ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﭽﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ، ﺧﯧﻨﻪﻧﻠﯩﻚ ، ﮔﻪﻧﺴﯘﻟﯘﻕ …….. ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺭ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ، ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

    ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ، ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﻐﺎ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﯧﺴﯩﻖ ، ﺋﻪﯓ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ، ﺋﻪﯓ ﺳﺎﺗﺮﯨﻚ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ، ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ، ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻳﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ، ﻣﻮﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭ ، ﺑﻪﺯﻯ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯞﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﻤﺎ .

    分享到: