• نامراتلار ۋە بايلار

    2010-06-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/67114102.html

    1.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻗﯘﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻛﯜﭺ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻗﯘﻳﺪﯗ . 2.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻣﻪﺳﯘﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﻧﯘﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﺳﯘﻟﻴﻪﺗﻨﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﻛﯜﭺ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . 3.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﻮﻝ ﺋﯚﺯﯨﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ . 4. ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ . 5.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ئەنئەنىنى ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯨﻨﯩﺪﯗ . 6.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺪﯗ . 7.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﯘﺩﯗﻕ ﻗﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﻮﻝ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ . 8.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺯ- ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . 9.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . 10.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺋﯘﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯘﻳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﻰ ﺋﯘﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 11.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺩﻭﻏﺎ ﺗﯩﻜﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﺷﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 12. ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺑﻴﯩﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯗ . 13.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﮔﻤﻪﻥ ﺗﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯗ . 14.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻫﻪﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﭖ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻫﻪﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯩﺘﯩﭙﻼ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﺪﯗ . 15.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﺎﻧﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﻳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﺎﻧﺎﻳﺪﯗ . 16.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ . 17.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭئەﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯘﻳﯩﺪﯨﻼ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ. 18.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﯜﺭ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺪﯗ . 19.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . 20.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺭﯨﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 21.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. 22. ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﻫﯩﺴﺎﭖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻠﯩﮕﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯩﺴﺎﭖ – ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 23.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯗ . 24.ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﻛﯜﭘﯩﻴﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺪﯗ . 25.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ . 26.ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ – ﺧﺎﺗﺎﻏﺎ ﻫﯜﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻫﯜﻛﯜﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ – ﺧﺎﺗﺎﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ . 27. ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﯩﺖ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    分享到: