• <<دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم >>ھەققىدە

    2010-09-05

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/74390786.html

    ئۆمەرجان ھەسەن ﺑﻮﺯﻗﯩﺮ

    ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 5 ﻳﯩﻞ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ يادىكارلىقلىرىﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»نىڭ2001-يىل4-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى سانىنىڭ 3-بېتىدىن «ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﻫﺎﻛﯩﻢ» ﺳﻪﺭﻟﻪﻫﯩﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ قىلغانىدىم. ﺋﻪﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ «县长不如农民» ﺑﻮﻟﯘﭖ،ئۇنى شەندوڭنىڭ تەيئەندىكى ۋاڭ يۈلىن ئىسىملىك بىرەيلەن يۇقۇرىدا نامى زىكرى قىلىنغان «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ يادىكارلىقلىرى ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» نىڭ2001-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىنىڭ 3-بېتىدىكى ”مۇشتەرىلەردىن خەت“سەھىپىسىدە ئېلان قىلغانىدى.

    ۋاڭ يۈلىننىڭ ماقالىسىدىكى ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺭﭼﻰ، ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞﺋﻪﻥ-ﺋﻪﻧﯩﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﺋﯚﺯ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﺭﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.

    ﻫﺎﻛﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻰﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﻫﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﯦﻬﯩﻘﺎﻧﻼﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ « ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ» ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻫﯧﭽﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺗﻪﺩﯨﺒﯩﺮﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻫﺎﻛﯩﻢ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﻩﻝ « ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﻫﺎﻛﯩﻢ » ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

    « ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﻫﺎﻛﯩﻢ » ﻻﺭﻧﻰﺑﯩﺰﺩﯨﻤﯘ يوق ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ « ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﻰ » ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻦﺑﯩﺮ ﯞﺍﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﺗﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻱ: « ﺋﺎﺳﺎﺭ ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻤﺎ؟ » ﺩﻩﭖﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ................

    ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﯗﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ- ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺋﺎﺭﺯﯗ- ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ. ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ. 2- ﺩﯗﻧﻴﺎﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﮔﯧﺘﻠﯩﺮ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﺋﺎﺳﺎﺭ ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ، ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺗﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻝ ﯞﻩﺋﯘﺭﯗﺷﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯕﯩﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﭘﺎﺗﺘﻮﻥ ﭘﺎﺭﯨﮋﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

    ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩﻧﺎﺩﯨﺮ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺭﺍﻛﻪﺵ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺭﺍﻛﻪﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺭ- ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺴﯩﻞﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻧﯩﯔﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺭﺍﻛﻪﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦﻛﯩﻴﯩﻦ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻣﺎﺭﺍﻛﻪﺵ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ-ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎﺗﯧﮕﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﺎﺭﺍﻛﻪﺷﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﻟﯩﻴﺴﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺑﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺭ -ﺋﻪﺗﯩﻘﻪﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺭ- ﺋﻪﺗﯩﻘﻪ ﺑﯘﻳﯘﻣﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝﺗﯧﮕﯩﺸﻜﻪﻥ.

    1999 - ﻳﯩﻠﻰ 24- ﻣﺎﺭﺕ ﻳﯘﮔﯘﺳﯩﻼﯞﯨﻴﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻪﻫﺪﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ 10 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﯞﻩﺳﯩﻨﺎﺭﻩﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1600 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﯓﺯﻭﺭ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﻨﯩﭻ - ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﺘﺎ ﺩﻩﻝ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓﺋﯩﺸﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺭﻩﺳﺴﺎﻡ ﺭﯦﻤﺒﺎﺭﺩ (1606- 1669) ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 330 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻢﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.

    ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻛﯜﭺ ﻗﯘﺩﯨﺮﯨﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 50 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭ، ﻫﻪﻳﻜﻪﻟﻠﻪﺭ، ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲﺋﯩﺰﻻﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯧﺰﺍ- ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﯔﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻫﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯘﺯﺍﻕﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ، ﺗﯩﺮﻩﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻨﻰ، ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.

    ﺳﯩﺰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﻳﯩﺮ ﺋﻪﺗﻜﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﻩ، ﮔﺎﻫ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺩﯨﺸﯩﺴﯩﺰ، ﮔﺎﻫ ﺋﯘﺯﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻳﯜﻛﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﻟﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﯨﻖﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﮔﺎﻫ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺋﯩﺸﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﻫﻮﺯﯗﺭ ﺋﺎﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺋﯩﺶﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﻫﺎﻟﺪﺍﻣﯩﺠﻪﺯﺩﻩ ﺗﻪﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜنى ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺩﺍ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﺩﯨﭽﯘ؟ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺳﯩﻴﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻻﻱ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﺰﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﻗﯧﭙﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﭼﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰﺋﯚﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﮔﻪﭖ، ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻪﺕﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ. ھەتتا مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىمۇ بۇ ھالەتتىن مۇستەسنابولالىغىنى يوق، ئەلبەتتە.

    مۇختار مۇھەممەد ئەپەندى«مىراس»ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلغان« ”بۈگۈنكى قۇيرۇقتىن ئەتىكى ئۆپكە ئەلا“مۇ؟» سەرلەھىۋىلىك ماقالىسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا كەڭ كۆلەملىك شەھەر قۇرۇلۇشى باشلانغاندا شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلغان بولسا بۇ تولىمۇ كاتتا ئىش بولاتتى. ئەپسۇسكى، بىر ئىككى ئىمارەت ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ سېلىنىپلا ، كېيىن سېلىنغان بىنالار پۈتۈنلەي خاسلىقىنى يوقاتتى. بىنالار سېلىنىۋەردى ، ئاقىۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەر كۆلىمىگە يەتكەن ئۈرۈمچى شەھرى مىللىي ئالاھىدىلىكى يوق بىر شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقتى. شۇڭا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ساياھەتكە كەلگەنلەر بۇ شەھەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەركىزى شەھەرلەر بېلەن ھېچقانداق پەرقىنىڭ يوقلىقىغا قاراپ ” بۇ شەھەرنىڭ نېمىسىنى ئارزۇلايدۇ، ئىچكىرىدە ھەممە جاي مۇشۇنداققۇ“ دېگەن سۆزلەر بېلەن ئۈرۈمچىنىڭ ھېچقانداق بىر مىللىي خاسلىقى يوق شەھەر ئىكەنلىكىنى سۆكتى.چۈنكى، ئۈرۈمچى شەھرى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنداق قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر بولماي ، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكىگە ئوخشاش قۇرۇلۇشلار بېلەن تولغان شەھەر بولۇپ چىققانىدى. «مەركىزى شەھەر گېزىتى»دىكى بىر خەۋەردە سابىق زوڭلى جۇروڭجىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مىللىي خاسلىقى يوقكەن ، دەپ تەنقىدلىگەنلىكىنى ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىمكانقەدەر مىللىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.بۇنىڭدىن بىز مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈش زۆرۈررىيىتىگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى كۆرۈۋالالايمىز.»

    ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻗﺴﯘﺷﻪﻫﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﯘﻕ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﻤﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﻗﻮﺭﯗﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﭘﻮﺳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻻﺭ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.

    ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰﺑﺎﺯﺍﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯩﮕﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺳﻨﯩﻘﻰﺑﯜﻛﻜﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﭼﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﺪﯗﻕ. ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﻮﺳﯘﻧﺪﺍﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯜﺟﯜﻡ ﻣﻪﻫﻪﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔﺗﻪﻗﻘﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻫﻪﻟﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ، ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯘﺯﯗﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻳﺎﺯﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻫﯚﺳﯩﻦ ﻗﯘﺷﯘﭖ، ﺋﻮﻳﻨﺎﻗﻼﭖﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﯩﺪﯗﺭ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    2004 - ﻳﯩﻠﻰﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﯨﻢﺋﯩﺪﯨﺮﯨﺲ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍﺗﯘﻧﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ، ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺑﻮﻱ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺳﯘﯞﺩﺍﻥ ﺗﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭ، ﯞﯨﭽﯩﺮﻟﯩﺸﭗﺳﺎﻳﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻢﺋﯩﺪﻯ.

    ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﺘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ، ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﻪﯓ، ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﭙﻪﻟﻪﻙ ﻗﻪﺩﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﺩﻯ، ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﻧﺎ ﭘﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰﺑﯘﺩﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺷﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﭘﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﻣﻪﻛﺘﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﮕﯩﻨﻰﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯜﺯﯛﻛﻜﻪ ﻳﺎﻗﯘﺕ ﻛﯚﺯ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘﯕﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕﺋﯩﭽﻰ- ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﺰ- ﺋﯩﮕﯩﺰﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﭘﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯧﻐﯩﻠﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺑﯩﺰ، ﺷﻪﻫﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ، ﺩﻩﭖ ﭼﯧﻨﯩﭗ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦﺳﯘﺭﮔﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘﯞﺍﺩﺍﻥ ﺗﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﻛﻜﻪﺑﻮﻱ ﺳﯘﺯﯗﭖ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﺩﻩﻡ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺷﯘ ﺳﯘﯞﺍﺩﺍﻥﺗﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺳﯘﯞﺍﺩﺍﻥ ﺗﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩ ﯞﯨﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺭﺍﻫﻪﺕ ﻫﻪ! ﻫﻪﻳﺮﺍﻥﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭ ﺑﻪﻛﻼ ﻛﯚﭘﻜﻪﻥ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼﺭﻣﯘ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﯩﺘﺘﻪ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﻰ .

    ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻗﺴﯘﺷﻪﻫﺮﻯﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ-ﺯﯦﻤﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻫﺎﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺗﻪﺱﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .

    ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﺷﯘﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯗﺭﮔﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺑﻪﺳﯩﻲ ﻣﯘﺷﻜﯘﻝ ﺋﯩﺶ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻫﯧﭻﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻼﭖ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯗﭖ ﻣﯘﺷﯘﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺴﺴﺴﯩﻖ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ، ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﯩﺲ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﭽﺎﻥ ﺳﯩﻤﺎﺳﯩﻲ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﻪﺭﺳﻪ، ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﺎﺵ -ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻐﯘ ؟

    ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺗﺎﻻﻱ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﭖ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥﻳﺎﭘﻴﺎﺵ ﻫﺎﻳﺎﺗﻨﻰﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻝ.ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪﺕ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﻫﯩﺸﯩﻴﺎﻧﻪ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﻗﯘﺗﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﻮﻻﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯘﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻟﯜﭖ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺳﯩﺪﻩ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ (ﺋﻪﺷﯘ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺭﯗﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯩﯔ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ) ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﻪﺷﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻧﺎﻣﯘ- ﺷﻪﺭﯨﭙﻰﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺯﻩﺭﺩﺍﺭ- ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﺎﺗﺎﻡﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ، ﻫﻪﺗﺘﺎﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﺎﻡ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﺳﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

    ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻴﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻛﻮﻧﺎﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﻻﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﺎﻫ ﺳﻮﯞﯗﺗﻘﯘﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺷﺎﻛﯩﺮﻧﯩﯔﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﺴﯩﺰﻻ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯜﺯﻟﯩﯟﯦﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ « ﺯﻩﭘﻪﺭﻧﺎﻣﻪ» ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺷﺎﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

    ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﻪﻟﻖﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯚﻟﺠﻪﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯘﻻﻕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺑﯘﻻﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯘﻻﻗﻼﺭﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎﻫ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺯﻩﻣﺰﻩﻡ ﻛﻪﺑﻰ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻩﺋﯩﭗﺗﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯜﭺ - ﻣﺎﺩﺍﺭ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ﺭﻭﻫﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﯞﻩﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯘﻟﻼ، ﺋﯩﺴﻤﯩﺘﯘﻟﻼﺩﻩﻙ ﺑﺎﻫﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﺪﻩﻙ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰﻻﺭﻧﻰ، ﻣﻮﻟﻼ ﺷﺎﻛﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻪﻟﻼﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﺷﯘ ﺑﯘﻻﻗﻼﺭﻧﯩﯔﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﻗﺎﺷﺎﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯦﺘﯩﻤﻰ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯘﺭﯗنقىﺑﯘﻟﺪﯗﻗﻼﭖ ﺳﯘ ﭼﯩﻘىدىغان تەبىئىي جەزبىدارلىقىنى يوقاتتى.

    ﮔﻪﺭﭼﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ « ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﻫﺎﻛﯩﻢ »

    ---ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ھاكىمى مويدۇن سادىق قاتارلىق ئەل سۆيگەن مەرىپەتپەرۋەر رەھبەرلەرنىڭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯚﻟﺠﻪﺭ ﺗﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﺳﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻫﺎﻻ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﯞﻩﭘﺴﯩﺰﻻ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ.

    ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎﺋﯩﮕﻪ، ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻳﺎﺵ ﻛﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﺑﯘ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1917-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻳﯘﺭﺕ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﯩﻴﯩﺖ ﺩﺍﻍ - ﺩﯗﻏﻠﯩﻖ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﺷﻪﺭﭘﯩﮕﻪﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﻩ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﻫﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ « ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ »ﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ يوﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ، ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ، ﺋﻪﻝﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ، ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯩﯧﻨﻰ ﺗﯚﻛﯘﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﯧﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻛﻜﻪﻥﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﭼﺘﻰ!

    ﻧﯩﻬﺎﻳﻪﺕ، ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ (ﺑﯘﻛﯩﺸﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ 3- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻗﺎﺭ-ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ، ﺑﻮﺭﺍﻥ- ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔﺯﻩﺭﺑﺴﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﯩﺮﺍﭖ ﻣﯜﻛﭽﯩﻴﯩﭗ ﭘﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ!

    ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺧﻪﻟﻖﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﻧﯩﻢ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺋﯧﻠﻰ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺧﻮﯞﻟﯘﻕ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ «ﺑﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥﺗﻪﮔﻤﻪﻱ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ». ﻧﯩﻢ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ 1975- ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29- ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻧﺒﺎﺵﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺩﻩﺭﯨﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﯜﺗﯜﭖﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﯞﯨﺪﺍﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺟﯩﻢ ﻳﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻛﯧﺮﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﻰ- ﺟﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺑﺎﺳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯚﻣﯜﯞﯦﺘﯩﺸﺘﻰ!

    ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ، ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﮔﻪﺭﺩﯨﺸﻰ 1979- ﻳﯩﻠﯩﻐﺎﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻫﻪﻗﻘﻰﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯘ ﻣﯘﻫﺘﻪﺭﻩﻡ ﺯﺍﺗﻨﻰ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﺦﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﮕﻪﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﺑﺎﻱ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺧﯘﺩﯨﻨﻰﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯨﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30- ﻛﯜﻧﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﯩﺪﯨﻨﻰﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﻮﻻﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯘﻟﯘﯓ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ، ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﺰﺍﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻨﻬﺎﻧﻐﺎﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻼ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ»ﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﺎﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯧﻴﯩﺖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺷﺎﻻﯓ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﻛﯚﻣﯜﺭﮔﻪﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺕ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﭽﻪ- ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺗﺎﻳﻪﻥ ﺑﯘﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻪﺑﺮﻩﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﻮﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

    ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ 2004- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﻞﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺑﺎﻱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﯩﻢ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻳﺴﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ. ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ 100 ﺩﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻟﯩﺪﻯ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻯﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﺎﻳﯘﭖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭ ﻧﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ.

    ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚﭘﺎﺭﺗﯩﻜﻮﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﭘﯧﺘﯩﺸﺘﻰ. ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺗﯩﻘﻰﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻧﯩﻢ ﺷﯧﻬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺩﯦﻜﻠﯩﻤﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻴﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﻰ. ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺕ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕﺋﺎﺧﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺑﺎﺳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﻨﻬﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥئەمما زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىنلا بىر كېچىدىلا قارىغاي شاخلىرىنى قاداپ سۈنئىي كۆرۈنىش ھاسىل قىلىنغان ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻳﻮﻗﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯘﭘﯩﺮﺍﻕﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺩﯗﺋﺎ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﺪﻯ.

    ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﻣﺪﻯ؟ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻧﯩﻢ ﺷﯧﻬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻣﺎﺱﻛﻪﻟﺴﯘﻥ؟ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﻐﯘ ﺩﯦﻤﻪﻳﻼ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶﺋﻪﺗﯩﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻍ- ﺩﯗﻏﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﯘ؟

    ﻧﯩﻢ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﻰﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﻗﻼﭖ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺩﯙﻟﻪﺕﺋﯩﭽﻰ- ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺕ.

    ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘﺯﺍﺕ ﺗﻪﯞﻩﻟﻠﯘﺩﯨﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﯞﻩﻫﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﺍﻍ- ﺩﯗﻏﯩﻠﯩﻘﯩﺮﺍﻕﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺴﻪ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙﻗﯩﻠﺴﺎ؛ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﯩﭽﻰ- ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ- ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ- ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺴﺎ؛ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺴﺎ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯧﯟﺯﯨﻴﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﺴﻪ؛ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ- ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﮕﻪﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﻰﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯘﻟﺴﺎ؛ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﻰ، ﺋﯘﺭﯗﻍ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ، ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﻻ- ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

    ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ، ﻣﻮﻟﻼ ﺷﺎﻛﯩﺮ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺧﺎﺭﺍﺑﺎﺗﻰ، ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﯩﻤﯘﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺴﺎ؛ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻫﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺑﺎﻏﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯘﺭﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖﺋﯩﻠﻬﺎﻡ- ﻣﻪﺩﻩﺕﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ؛ ﻳﺎﺵ- ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ- ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻧﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﻫﻪ؟

    ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﻮﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﺑﯜﻳﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﻯ، ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﭖ، ﻫﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻗﺎﺗﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕﺧﺎﺗﺎ ﻳﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺧﻪﻟﯩﻘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ. ﺑﺎﺵ ﺷﯘﺟﻰﺧﯘﺟﯩﻨﯩﺘﺎﯞ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ « ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺷﻪﺭﻩﭖ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻧﯘﻣﯘﺱ» ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ.

    ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، 2005- ﻳﯩﻠﻰﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ: ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻗﺴﺘﯩﺪﻩ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻝ.ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻛﯜﭺﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﺗﺎﻧﺎﯞﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ»، « ﺋﺎﻟﻼ ﺗﻮﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ» ﺩﻩﻙ.

    ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 90- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺵ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺳﺎﻫﯩﺒﯩﻠﯩﺮﻯ ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭ: «ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰﻳﻮﻕ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﻫﺎﻧﯩﻨﻰﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺭﻩﺋﯩﺲﻣﺎﯞﺯﯦﺪﻭﯓ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ «ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﭼﯘﻕ- ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﮔﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻧﯩﻤﯩﺪﻩﭖ ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﺪﻩﻙ؟ ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ «ﺟﻮﯕﮕﯘ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﻰ ﻣﻪﺩﯨﻬﻠﯩﮕﻪﻥ، « ﻳﺎﭘﯘﻥﺳﺎﻣﺎﺭﻭﻳﻠﯩﺮﻯ ﻫﺎﻟﺴﯩﯩﺮﺍﻳﺪﯗ»، « ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻫﻮﺩﯗﻗﯩﺸﯩﺪﺍ »ناملىق ئەسەرلىرىدە ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻓﺎﺳﺴﯩﺴﺘﯩﻚ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﺯ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻐﻤﯘ ﺗﯩﻎ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﭘﻴﺎﺵ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ «ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﭘﻮﻥﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ،ﺋﯩﭽﻜﻰﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ» ﺗﻪﻙ ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ.

    ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ- ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺝ ﻙ ﭖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻛﯚﺭﻩﺷﻜﻪ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﺭﻯ ﺧﺎﺗﺎ؟ «ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ» ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﻣﺎ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ؟

    ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺑﯩﺰﺩﻩ «ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﻫﺎﻛﯩﻢ» ﻛﻪﺑﻰﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﻮﻕﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻫﯜﺭﻛﯜﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪﺩﺍﺋﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ- ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ «ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﺩﻩﻙﻗﺎﻧﯘﻥ-ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺯﻫﻪﭖ ﺗﻮﭘﻼﺵ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﭼﻮﻍ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻮﭼﯘﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﺯﯨﺘﻼﺭ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.

    ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ «ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ» ﺩﻩﭖ ﻫﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﮔﯧﺘﻠﯩﺮﻏﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ؛ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﯞﺍﻟﯩﻲﻏﻮﺟﺎﻣﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺎﺭﻩ ﺋﻪﺗﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ؛ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﻫﺎﻛﯩﻢ» ﻛﻪﺑﻰﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯨﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﺪﻯ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﺗﺎﭖ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﺎﺳﺎﺭ ﺋﻪﺗﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻧﺴﯜﺭﯛﻙ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﭘﺎﺗﺘﻮﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺳﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻘﺘﺎﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﻏﺪﻩﻙ ﺩﯙﯞﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﻩﻙﺋﺎﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﺎﺗﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻢ ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﺗﺎﭖ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ- ﻛﯜﻣﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﺭﺍﻛﻪﺵ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﮕﯜﺩﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﺎﺭﺍﻛﻪﺷﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﺗﺎﭖ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻪﻫﺪﻯﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩ

    分享到: