• لەڭمەندىن چىققان سېرىق چاچ

    2010-09-05

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/74391389.html

    ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﺴﻪل ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﺎراڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻟﻪﯕﻤﻪن ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﯟﯦﺪى، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ «ﺋﺎﺷﻘﺎزﯨﻨﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﮔﯧﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﺪۇ» دەپ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﺪۇم. دەل ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﻪن ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى! ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن «ﺗﯧﺨﻰ ﮬﯧﻠﯩلا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﯩﻨﻪ ﭼﯚﭼﯜرە ﺋﯩﭽﯩﯟاﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن» دەپ ﮔﻪپ ﻳﺎﺳﺎپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩلا، ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮلاﺗﺘﻰ …

    ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ رەﻧﺠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ.

    ﺋﯘ دالاﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﭘﯩﻠﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪن. ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘزۇن ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﺷﯘ ﻳﻪردﯨلا ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭘﺘﯘ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ ﺋﯘ «ﺋﺎﺷﻘﺎزان ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ» ﮬﯩﻴﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎن – ﺋﯧﺴﻪن ﺋﯚﺗﯜۋاﭘﺘﯘ.
    «ﺋﯘزۇن ﺗﯩﺮﻧﺎق ۋەﻗﻪﺳﻰ» ﺑﯘﻟﺘﯘر ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟلار ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﺮاھ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
    ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺳﺘﯜرۈۋﯦﻠﯩﺸﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰﮔﯩﻤﯘ، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ، ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎدﯨﺘﯩﻤﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻨﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش، ﺋﯚﺳﺘﯜرۈۋەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ؛ ﺗﯩﺮﻧﺎق ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪش، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻟﻨﻰ ﺳﻮﭘﯘﻧلاپ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘش؛ ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺋﺎزراﻗلا ﺋﯚﺳﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﻮل ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯧﻤﯩﺮ ﻳﯘﻏﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ؛ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻗﻪرەﻟﯩﺪە ﺋﺎﻟﻐﺎن – ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎت – ﭘﺎت ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺗﯘرۇش، ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺋﯚﺳﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎدەﺗﻠﻪر ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت.

    ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯩﺰﻟﯩﺮى دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﻳﯧﻤﻪك- ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪا ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎراﺳﯩﺘﻰ، ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻣﺎﮬﺎرﯨﺘﻰ، ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﺟﺮى ۋە ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﭼﯧﯟەر، ﺋﯩﺸﭽﺎن ﻗﻮﻟﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ دەۋردﯨﻦ – دەۋرﮔﻪ ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪززﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗلارﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ؛ ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭘﻪرﺗﯘق ﺗﺎرﺗﯩﺸﻘﺎ؛ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎرﺗﯩﺸﻘﺎ؛ ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﭘﯘﻧلاپ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺑﯩﺰ ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﭼﯧﯟەر ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﻴﺎﺷلارﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮاپ، ﻗﯩﻴﻤﯩلارﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ، ﺧﯧﻤﯩﺮلارﻧﻰ ﻳﯘﻏﯘرۇپ، ﭼﯚﭼﯜرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯜﮔﯜپ، ﻛﺎۋاﭘلارﻧﻰ ﭘﯩﺸﯘرۇپ، ﻣﺎﻧﺘﺎ، ﭘﻮﻟﯘ، ﻧﺎرﯨﻦ، ﮔﯚﺷﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﻪپ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﮬﺎزﯨﺮﻏﯘ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮاق(ﺳﯘﻟﻴﺎۋ) ﭘﻪﻟﻪﻳﻠﻪر ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى. رﯦﺴﺘﻮراﻧلاردﯨﻦ، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩلاردﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎق ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧلارﻣﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻳﺎﻟﺘﯩﺮاق ﭘﻪﻟﻪﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪر داﺋﯩﻢ، ﮬﻪﻣﻤﯩلا ﺟﺎﻳﺪا ﺋﻪﺳﻘﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻣﻮرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺗﯜن ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪت رﯦﺴﺘﻮران، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩلاردﯨﻨلا ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺶ – ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﻤﯘ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯚي دﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧلار، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﺷﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ، ﺋﻮﯕﻠﯘق ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﯕﻠﯘق ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ، ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺑﺎر – ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩلا ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلارﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺳﺎدﯨﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮى، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪلادﺗﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪۋلادﻗﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘن. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎرام ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺗﯩﻞ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘل ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺳﯘ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻧﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚپ ﻗﺎﺗلاﻣﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدﯨﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﺪۇ، ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎرﺗﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺗﯧﮕﻰ – ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن زﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ زﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪۋﮬﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

    ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺗﻪﺧﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﻪﯕﻤﻪن ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎچ، ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ رەﯕﺪە ﺑﻮﻳﯩﯟاﻟﻐﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘزۇن ﺗﯩﺮﻧﺎق ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎق ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎرﺗﯩﺸﺘﻪك ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ. ﺋﺎﺷﻘﺎزﯨﻨﻰ ﺳﺎق، ﻗﻮرﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎچ، ﺳﺎﻏلام ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ – ﺳﻪۋەب ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﻪﻳﻨﻰ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎش ﺗﺎرﺗﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎدﯨﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪررەر ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ.

    راﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﮬﺎزﯨﺮ ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻏﺎ ﺳﻮﻏﯘق ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن؛ ﻗﻮل – ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ رەﯕﺪار ﮔﯜﻟﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن؛ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯩﭽﯩﯟاﺗﻘﺎن داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨلا ﺋﯩﺖ – ﻣﯜﺷﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗلاپ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎن؛ دەرﻳﺎ – ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯘﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎن، ﭘﯜﺗﯜن – ﭘﯜﺗﯜن ﻧﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎﻟﻠﻪك – ﻛﺎﻟﻠﻪك ﺧﯧﻤﯩﺮلارﻧﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎزۇك ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰلارﭼﻪ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﭼﻮﯕلاردﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺗﻪپ ﺗﺎرﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰ – ﭼﻮﻛﺎﻧلار ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن؛ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ، ﻧﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏلاﻳﺪﯨﻐﺎن؛ دەرﻳﺎ – ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯜﻛﯜرۈﺷﻨﻰ، ﻳﯘﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯚﻛﯜﺷﻨﻰ ﮔﯘﻧﺎھ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن؛ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﻰ ﻛﯚرﺳﻪ ﺧﯘش ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﮬﯘزۇر ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎن؛ ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن؛ ﻧﺎزۇك ۋە ﺋﻪۋرەت ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰ – ﭼﻮﻛﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯩﺪۇﻗﻘﯘ؟!

    ﺑﯘﻟﺘﯘر ﻛﻮﭼﯩﺪا ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﺎن ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ: ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘس ﺋﯩﭽﯩﺪە 14 _ 515 ﻳﺎﺷلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯩﺰ ﻛﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭼﯜﻛﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗلاپ ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﻛﯜﭼﯜﻛﺘﯩﻦ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراق ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯜﺳﺘﯟﯦﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎرﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟاﻟﻐﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﻪﻳﻨﻪت ﻛﯜﭼﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎرﯨلاپ – ﺋﺎرﯨلاپ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈپ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ، ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻟﻪۋﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎلاپ، ﺷﺎﻛﯩلات ﻳﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚرە ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﯘلارﻏﺎ ﺋﻮرۇن ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﯜك ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.

    ﺑﻪش – ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﭽﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨلا ﻳﻮﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﻣﯜﺷﯜﻛﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﺷﺎلاﭘﺸﯩﺘﯩﭗ ﺳﯚﻳﯜپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ «ﻧﻪﺳﻠﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﺎرس ﻣﯜﺷﯜﻛﻰ» ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯘ ﻣﯜﺷﯜﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﻏﯩﺰا ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻤﯩﺶ، ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘﻣﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺶ … ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻏﻪش ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى.

    ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﯜﺷﯜﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋەزﯨﭙﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﭼﺎﺷﻘﺎن ﺗﯘﺗﯘش ﺋﯩﺪى. ﺋﯘلارﻧﻰ داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﻮلاﺗﻤﺎﻳﺘﺘﯘق. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎق ﺷﯩﺮەﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻐﯩلا رۇﺧﺴﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘلارﻏﺎ ﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘۋاﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﻨﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮەﺗﺘﯘق. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا ﻣﯜﺷﯜﻛﻜﻪ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﮔﻜﯜزﻣﻪﻳﺘﺘﯘق. ﺋﯚﻳﺪە ﻣﯜﺷﯜك ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺋﯘﺧلاۋﯦﺮەﺗﺘﯘق، ﮔﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘ ﺋﯚﺗﯜۋﯦﺮەﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏلاردا ﻣﯜﺷﯜك ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻣﯘ، ﻣﯜﺷﯜك ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻣﯘ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﺎرس ﻣﯜﺷﯜﻛﯩﻨﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟاﭘﺘﯘ ۋە «ﻣﯜﺷﯜﻛﻜﻪ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ»، «ﻣﯜﺷﯜﻛﻨﻰ ﻛﯚرﻣﯩﺴﻪ، ﮔﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﻏﯩﺰا ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ» ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ، ﺋﯘ داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨلا ﻣﯜﺷﯜك ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.

    ﻣﻪن ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا، ﻛﻮﭼﯩلاردا، ﺑﺎﻏﭽﯩلاردا، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜۋاﺗﻘﺎن ﻗﯩﺰ – ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪرﻧﻰ، ﻗﯩﺰلارﻧﻰ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪرﻧﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺳﻪۋەﺑﺴﯩﺰلا ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮﻟﺴﯩﺰلارﭼﻪ ﺳﯩﻠﻜﯩﻴﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﺷلارﻧﻰ ﭘﺎت – ﭘﺎت ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

    ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﺑﯩﺮ ﺳﻮرۇﻧﺪا ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘزۇن ﺗﯩﺮﻧﺎق ﻗﯩﺰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ ﻛﯜﭼﯜك ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻗﯩﺰﭼﺎق، داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﭘﺎرس ﻣﯜﺷﯜﻛﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﭽﺎن ﭼﻮﻛﺎن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﭽﯩلا ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜۋاﺗﻘﺎن ﻗﯩﺰ – ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪر، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﻠﻜﯩﻴﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﺷلار ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﺎزراق ﺑﻪس – ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺑﻪزى ﺑﯘرادەرﻟﻪر: «ﺳﯧﺮﯨﻖ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎرﺗﻤﺎي ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘزۇن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈۋﯦﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ، 15 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﭼﺎق ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﺴﻪﻟﭽﺎن ﭼﻮﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺖ – ﻣﯜﺷﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﯩﻨﯩﻤﯘ، ﻗﯩﺰ – ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩلاردا ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﻠﻜﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ، ﻳﺎﺷلارﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕلاردﯨﻦ ﺗﻪپ ﺗﺎرﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ، ﻓﯧﺌﻮداﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﺟﻪڭ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﻣﯩﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﯚز – ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪش، ﭼﻪﻛﻠﻪش ﺗﻮﻏﺮا ﺋﻪﻣﻪس» دەپ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻜﻪن.

    ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻛﻪڭ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇﺷﻨﯩﯔ ﺳﯜرﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﻪﺷﺘﯜرۈۋەﺗﺘﻰ. ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﯩﻠﻐﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ روﮬﯩﻐﺎ ﺑﺎي، ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎران ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪرﻣﻪي، ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﻏﻪرب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪۋﮬﻪرﻟﻪرﻧﻰ، ﻣﯧﻐﯩﺰلارﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻧﻨﻰ، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﻰ، ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ، ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪﺗﻨﻰ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﻰ، ﺗﯚﮬﭙﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻟﯩﻘلارﻧﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﯩﺮاﺳلارﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯜردى، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘردى. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎل ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯚۋەن، ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻪزى ﻳﺎﺷلار ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﻐﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪۋﮬﻪرﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﻪﺧﻠﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎﻛﺎﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮاﻗلا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘردى. ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ دوراﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻳﯩﺮاﻗلاﺷﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ. ﺷﻪرم – ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ، ﻧﺎزاﻛﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈۋاﺗﻘﺎن ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘلار، ﺳﻪت ﻗﯩﻠﯩﻘلار؛ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﻰ، ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎن، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻛﯚرۈﻟﯜۋاﺗﻘﺎن ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪر، ﻳﻮﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘلار ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر «ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ، ﻓﯧﺌﻮداﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﺟﻪڭ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﻣﯩﺘﻰ» ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﺎﺗلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪررەر ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﺪۇر. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺳﯜﻛﯜت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﺎﭘﺎن ﻳﯧﭙﯩﺶ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

    ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﺟﺮى، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ – ﺳﺎۋاﻗﻠﯩﺮى، ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎراﺳﯩﺘﻰ، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻗﺎرﯨﺸﻰ، ﺋﯩﺠﺎدﭼﺎﻧﻠﯩﻖ روﮬﻰ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدى ۋە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﻪﺧلاق ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮى ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﻐﯩﺰى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪۋﮬﯩﺮى ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮل، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ زور، ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻓﻮرﻣﺎﺗﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ، روﮬﯩﻨﻰ، ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ دەۋرﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ دەۋرﮔﻪ، ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ روﻧﺎق ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻪزى ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋاز ﻛﯧﭽﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ «ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ» دﯦﻴﯩﺶ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﺘﯘر.
    ﺑﯩﺰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮرﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩلا ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚرپ – ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﺪە، ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪر، روﺷﻪن ﺧﺎﺳﻠﯩﻘلار، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ زوﻗلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﯘ؟ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻏﺎ، ﭼﻮﯕلارﻏﺎ، ﺗﻮﻧﯘش – ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪرﮔﻪ ﺷﯘ ﻗﻪدەر ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ، ﺳﯩﻠﯩﻖ، ﺋﻪدەﭘﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﯚﭼﻤﻪس ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪۇ. ﺋﯘلار ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪپ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎي ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪر ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﮔﯜزەل ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺋﯘلارﻣﯘ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﻏﺎن؛ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﻧﻰ، ﻣﯧﻐﯩﺰ ﮬﻪم ﺟﻪۋﮬﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﻪت ﺋﻪل ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرﺑﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋەﺗﻤﯩﮕﻪن. ﺷﯘﯕﺎ، رﯨﻘﺎﺑﻪت ﮬﻪم ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎدا ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﮬﻪم ﻧﻮﭘﯘز ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪد ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺗﯘراﻟﯩﻐﺎن.

    ﺑﯩﺰ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺖ – ﻣﯜﺷﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺷﺎلاﭘﺸﯩﺘﯩﭗ ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﻰ، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗلارﻧﻰ ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺳﺘﯜرۈۋﯦﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺑﻪدﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎزۇك ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰلارﭼﻪ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا ﻗﯩﺰلارﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻨﻰ دوراﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﯟاﻟﻤﺎي، ﺋﯚز ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪك ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺪى؟! ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ، ﻏﻪرﺑﻠﯩﻜﻠﻪر 18 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚز ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ، ﺋﯚز ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻐﺎ، ﺋﯚز ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ، ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﺎﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﯩﺪۇ؛ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﭼﯧﭙﯩﯟاﺗﯩﺪۇ؛ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﻮﻳﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﯩﺪۇ؛ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﯩﺪۇ؛ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘلار ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﻗﻮﻳﯘۋاﺗﯩﺪۇ.
    ﻏﻪرب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷلار ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻣﯩﻠﻪ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪۇ، ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﺎلا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺘﯩﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎلا ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎﻳلارﻧﻰ، رﯦﺴﺘﻮراﻧلاردﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس زﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪۋزەل ﻛﯚرۈۋاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﭘﻪرزەﻧﺘﻰ ﺑﯩﺮەر ﺧﯧﻴﯩﻤﺨﻪﺗﻪرﮔﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﻤﯩﺴﯩلا، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻳﯘن – ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﻣﯩﺴﯩلا، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
    ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻳﺎش ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪە ﺟﻪزﻣﻪن ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻧﻰ ﺋﻪڭ زور ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ دﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚي ﺟﺎﮬﺎزﯨﻠﯩﺮى، زﯨﻨﻨﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪڭ زور ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑلاپ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻦ ﺷﯚﮬﺮەت ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻧﺎداﻧﻠﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.

    ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪۇ؛ ﺋﯚز ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚز ﻗﺎرﯨﭽﯘﻏﯩﺪەك ﺋﺎﺳﺮاﻳﺪۇ. ﺋﯘلار ﺋﺎﻧﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن دۇﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪە ﭘﯘت ﺗﯩﺮەپ ﺗﯘرالاﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﭽﻪ ﺗﻪۋرەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ؛ ﺧﯧﻠﻰ داﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻪزى ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﭘﯘرﯨﻘﻰ ﻗﻮﻳﯘق ﻧﺎﺧﺸﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﮔﯩﺘﻤﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪۋﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﺑﯧﻜﭽﻪ ﭘﯘراق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.

    ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺑﻪزى ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻛﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯧﻐﯩﺰﻧﻰ، ﺋﻪﺧﻠﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪۋﮬﻪرﻧﻰ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرﻣﻪﻳﯟاﺗﯩﺪۇ؛ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ، ﺋﻪﻳﻨﻪك ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯚزﻟﻪﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﻠﻐﺎر، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘرﻣﺎي، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰﮔﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻏﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚرپ – ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ، ﺋﻪﺧلاق ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ زادﯨلا ﺋﯘﻳﻐﯘن ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﻮق، ﮬﻪﺗﺘﺎ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪرﭼﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘرۇۋاﺗﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪزى ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ دوراۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ – ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن زﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ.

    ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪۋلادﺗﯩﻦ – ﺋﻪۋلادﻗﺎ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇش ۋەزﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﻳﺎﺷلارﻧﯩﯔ زﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪن. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﺷلار __ ﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ۋارﯨﺴﻠﯩﺮى ﮬﻪم ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮى. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ۋارﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، داۋاﻣلاﺷﺘﯘرﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻮل ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯩﻠﮭﺎم ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯘﺗﯘق ﺗﯩﻠﻪش ۋە ﺋﯘلارﻏﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﯧﺸﻘﻪدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ، ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺑﯘرﭼﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى.

    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: «ﺗﺎرﯨﻢ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن، ﮬﺎزﯨﺮ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﺪە)

    分享到: