• ئاغىنارچىلىقنىڭ ئۆلچىمى

    2010-09-06

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/74391813.html

    ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن


    ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ - ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚرﻟﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺷﻮﺗﺎ، ﺋﺎرﻣﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر. ﮔﻪپ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪرﯨﻘﯩﺪە راۋاﺟلاﻧﺪۇرۇش، ﻗﺎﻧﺪاق داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇﺷﺘﺎ.
    ........................................
    ﺑﯩﺰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ: «ﺑﯘ ﺋﺎداﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮق ﺋﯩﻜﻪن»، «ﺑﯘ ﺋﺎداش ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ داﺋﯩﻢ دەپ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺋﺎﯕلاپ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ دەل ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق دەۋاﺗﻘﺎن ۋە ﺷﯘﻧﺪاق ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕلاۋاﺗﻘﺎن ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰدا، ﺗﺎزا ﺋﻮﺑﺪان ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، «ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ دﯦﮕﻪن ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ زادى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳلا ﺑﺎﻳﻘﯩﯟالالاﻳﻤﯩﺰ. «ﺋﺎﻏﺎ + ﺋﯩﻨﻰ»دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ (ﺋﯩﺴﯩﻢ)ﻏﺎ «دارﭼﯩﻠﯩﻖ» ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜزۈﻟﮕﻪن ﺑﯘ ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﻟﯘﻏﻪت ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻨلا ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﺎﻛﺎ - ﺋﯘﻛﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷلاردەك ﺋﯩﻨﺎق ﺋﯚﺗﯜش، ﺋﺎداش ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك دوﺳﺘﺎﻧﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪن دەپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ.
    ﺋﯚزﺋﺎرا ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺶ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ داﺋﯩﻢ ﻳﺎر - ﻳﯚﻟﻪك ﺑﻮﻟﯘش، ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯩﺰدﯨﺸﯩﭗ ﮬﺎل - ﻣﯘڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘپ ﺗﯘرۇش - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪر زەﻧﺠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﺪۇر. ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺮﯨﺪۇر. ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪت ۋە ﻣﯩﺠﻪزﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪپ ﺗﯘرۇﺷﺘﺎ، ﻳﻮﺷﯘرۇن ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ، ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﺘﻪ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﻣﯘۋازﯨﻨﻪت ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪۇر. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﺋﺎرا دوﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ۋەدﯨﻠﯩﺸﯩﺪۇ ﮬﻪم ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
    ﺧﻮش، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﯘ ﺷﯘ ﺗﻪرﯨﺰدە داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر: «ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺳﺎداﻗﻪت، ﺗﻪﻣﻪﺳﯩﺰ ﻳﺎردەم، ﻏﻪرەزﺳﯩﺰ ﺑﺎراۋەرﻟﯩﻚ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺟﺎۋاﺑلارﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺟﺎۋاﺑلارﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ؟

    1. ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت
    ﺋﺎدەم ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﻣﯜرﯨﻨﻰ ﻣﯜرﯨﮕﻪ ﺗﯩﺮەپ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯘ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﮬﻪم ﭘﺎك، ﮬﻪم ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ دەل ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﺟﯩﻘﺮاق ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯩﻢ ﺟﯩﻘﺮاق ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﺑﯧﺮەﻟﯩﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟال ﺋﯘﭼﺮاپ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ.
    ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ «ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن» ﺋﯩﺪارﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﻐﯩﺪا، ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﻧﯚۋﯨﺘﻰ ﺋﯜزۈﻟﻤﻪﭘﺘﯩﻜﻪن. ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗلاپ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺟﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻢ، ﻗﺎﭼﺎن، ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺪى دﯦﮕﻪﻧﺪەﻛﻠﻪرﻧﯩﻤﯘ ﻳﺎدﯨﺪا ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘرۇپ - ﺋﯘﻗﺘﯘرﻣﺎي ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮى»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯜزۈﻟﯜپ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪن. ﺋﯘ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﭘﺘﯘ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزەﻧﻠﯩﺮى ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎلام - ﺳﻪﮬﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﻳﺎرﯨﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار ﺋﻪﻣﻪس ۋاﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎلا ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪۇر ﺋﯩﺰدەپ ﺑﻮلاﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﻜﻪن، ﺋﯘ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰدﯨﺸﯩﮕﻪ ﻛﯚپ ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪﻧﯩﻜﻪن. «ﺑﯘ دۆﻟﻪت ﺳﻪﻧﺪە ﺗﯘرﻣﺎس، ﺑﯘ ﻣﻪﻳﻨﻪت ﻣﻪﻧﺪە» دﯦﮕﻪﻧﺪەك، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯜﮔﯜن ﺋﯘ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯚﺗﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻗﻮﻳﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﻗﯧﺮﯨﻐﺎﻧﺪا ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎدەم ﺋﯩﺰدﯨﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﻣﯘﯕﺪاﺷﻘﯘدەك ﺋﺎدﯨﻤﻰ ﻳﻮق ﻏﯧﺮﯨﺒﺴﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.

    2. ﺷﯧﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ
    ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﻳﯘرﺗﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ:
    ﻳﺎش ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ دۇﻛﺎن ﺋﯧﭽﯩﭙﺘﯘ. ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮەر ﻳﯩﻠﺪەك ﺋﯚﺗﯜپ، ﺳﻮدﯨﺴﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯜرۈﺷﯜﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎزا ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎي دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﺗﻪﻛﺸﯜرﺗﯜﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪە ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﻠﯘق دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﯕﺮاق دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩلاردﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﺮار ﺗﻪﻛﺸﯜرﺗﯜﭘﺘﯘ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﮬﺎراق - ﺷﺎراﺑﻨﻰ ﺗﺎز ﺋﯩﭽﻪﺗﺘﯩﻜﻪن، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﭽﻤﻪس ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮى ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﺴﺎ ﮬﺎراق زﯨﻴﺎن ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎزدۇر - ﻛﯚﭘﺘﯘر ﭘﯘل ﻗﻪرز ﺋﯧﻠﯩﭗ، دﯦﻴﯩﺸﻜﻪن ﻣﯚﮬﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن، ﻣﻪﻟﯘم ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻳﺘﯘرۇﭘﺘﯘ. دﯦﻤﻪك، ﺋﯘ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ. ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﻜﺎر ﻳﺎﺗﻘﺎن ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﮬﻪم ﺗﯧﺰ، ﮬﻪم ﺟﯩﻖ «ﺗﯘﻏﯘۋاﺗﻘﺎن»ﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻪرز ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻣﻪﻟﯘم ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺷﯧﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻮرۇﻧﻐﺎ ﺟﻪم ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ: ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ زاۋۇﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻣﺎل ﺋﻪﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪە 3 - 4 ﻳﯜز ﻣﯩﯔ ﻳﯜەن ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﯚزﯨﺪە ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚپ ﻧﻪق ﭘﯘل ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺑﺎرﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرۇﺷﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ، ﺳﻮدا ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪە ﻗﯘرۇق ﻗﻮل ﻗﺎﻳﺘﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم دﯦﮕﯜدەك ﻗﻪرزﮔﻪ ﺋﯚي ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪر ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚپ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﮬﻪرﺑﯩﺮى ﺋﯚي - ﻣﯜﻟﯜك ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﻰ رەﻧﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯚت ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 300 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘﻗﺮاق ﻗﻪرز ﺋﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻳﺎردﯨﻤﯩﮕﻪ رەﮬﻤﻪت ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯘ، ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪvcd ، ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﻳﺎﻧﻔﻮن دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﭙﺘﯘ.
    ﻗﻪرز ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎردەﻣﻠﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﻪر «ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﯧﻠﻰ ﺧﯘش ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﭘﺎﻳﺪا ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇق» دەپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻘﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜم ﺧﻪۋﯨﺮى ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﺧﻪۋەردﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮاپ، ﭼﯚﭼﯜپ ﺗﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎدەم ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎردﯨﻤﯩﺪە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎرﯨﻐﯘدەك ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت، ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﻗﻪرزﻟﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘن ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘلار ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋەﮬﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى 150 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﺪﯨﻦ، ﻛﻪﻳﻨﻰ 30 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﮕﯩﭽﻪ ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﺑﻪزەﻧﻠﯩﺮى ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﮔﯩﻤﯘ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﯘﻟﯘق؟ «ﺋﯚزۈم ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﺎلاﻏﺎ، ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎراي دەۋاﻏﺎ؟» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﯘلار ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪرز ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪزەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﻗﻪرز ﺋﯚﺳﯜﻣﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﻐﺎﻧلارﻣﯘ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن.
    ﺋﯚز ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﯘلار ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎۋاﻗﺪاش - ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘلارﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪرۋا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮى «ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪر» ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.

    3. ﺳﻮرۇﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ
    ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪرﺗﯩﭙﯩﺪە ﺳﻮرۇﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﮬﺎراﻗﻨﯩﯔ ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﺰﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﻪزﯨﺒﯩﺮ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪاﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪن ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎم، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎس ﮬﺎراق ﺳﻮرۇﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﭘﺎت - ﭘﺎت ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺳﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﮬﺎراﻗﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻳﻮق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﻮرۇن ﺑﯩﺮەر ﻳﯘرﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە داۋاﻣلاﺷﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﺎراﻗﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪن ﺗﻪرﯨﺰدە داۋاﻣلاﺷﺴﺎ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯘﭼﯘر ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﺳﺎق، ﺗﯘرﻣﯘش ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﯘق. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺳﻮرۇﻧلاردﯨﭽﯘ؟ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﮬﺎراﻗﻘﺎ زورﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪزﯨﺪە ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺋﯜﻟﭙﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯧﺮﯨﻘﻘﺎ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎش ۋەﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘپ ﺋﯘ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘلاردﯨﻜﻰ ﺧﯘﻣﺎرﺳﯩﺰ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
    ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ - ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚرﻟﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺷﻮﺗﺎ، ﺋﺎرﻣﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر. ﮔﻪپ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪرﯨﻘﯩﺪە راۋاﺟلاﻧﺪۇرۇش، ﻗﺎﻧﺪاق داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇﺷﺘﺎ.

    分享到:

    评论

  • سىزنى ئۇلىنىش قېتىۋالدىم..! مېنىم قۇشۇپ قويسىڭىز~<BR>
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟<BR>